3 ئادەمنىڭ ھەققانىي ۋە ئادىل ئىش قىلىشى، قۇربانلىق قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك خۇرسەن قىلار پەرۋەردىگارنى.
سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنىمۇ؟ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش قوچقارنىڭ مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.
قۇربانلىقنى ئەمەس، مەن رەھىمدىللىكنى ئىستەيمەن، مەنكى خۇدانى تونۇش كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ قۇربانلىقى، ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر ئادىللارنىڭ دۇئاسى.
ئىنساننىڭ خۇدانى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەردىنمۇ مۇھىمدۇر.
قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن ئەيىبلىمەيمەن سېنى، ئەيىبلىمەيمەن دائىم ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى.
شۇڭا دېدىم: «مەن كەلدىم مانا، پۈتۈلگەندۇر مەن ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا.
_ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «سىلەر ھۆكۈمدە ئادىل بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار.