12 ئادىل خۇدا كۆزىتىپ تۇرار ياماننىڭ ئۆيىنى، زاۋاللىققا يۈز تۇتقۇزار ھامان يامانلارنى.
ئۆيى ۋەيران بولار ياماننىڭ، گۈللەپ ياشنار ھەققانىينىڭ.
شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇدانى خۇرسەن قىلمىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۆلۈپ، جەسەتلىرى چۆل-باياۋاندا قالدى.
مەن خۇددى سودوم بىلەن گومورانى ۋەيران قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ ۋەيران قىلدىم. سىلەر خۇددى ئوتتىن تارتىۋېتىلگەن چۇچىلىغا ئوخشاپ قالدىڭلار. لېكىن سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
يامان يامانلىقى تۈپەيلىدىن يىقىلار، ھەققانىي سەكراتتا ياتقاندىمۇ باشپاناھىغا ئۆزىنى تاپشۇرار.
كۆڭۈل قويسۇن بۇ ئىشلارغا ئەقلى بارلار، خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى چۈشەنسۇن ئۇلار.
ئۇلار ئۆمۈچۈك تورىغا يۆلەنسە، ئۆمۈچۈك تورى ئۇلارنى يۆلەپ تۇرالماس، بايلىققا تايانسا، ئۇ تايانچ بولالماس.
مەن نادان ئادەمنىڭ ماكان تۇتۇپ، يىلتىز تارتقىنىنى كۆرگەنىدىم، لېكىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۆيىنى قارغىش تۇتتى.
دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.
ئادىللىق قوغدار ھەققانىينى، رەزىللىك يىقىتار گۇناھكارنى.
بىراق خۇدا لۇت ياشىغان شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغاندا، ئىبراھىمنىڭ تەلىپىنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇتنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغانىدى.
ناھەقلىق كۆپىيەر ھوقۇق تۇتسا يامانلار، ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر ھەققانىيلار.