11 نادان ئىبرەت ئالار مازاقچى تارتىلغىنىدا جازاغا، دانا بىلىم ئالار نەسىھەت بېرىلگەندە ئۇنىڭغا.
مازاقچىنى ئۇر، ساددا ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالار، ئەقىللىققا تۈزىتىش تەربىيىسى بەر، ئۇ ئۆگىنىۋالار.
بىلىم ئالار ئاقىلنىڭ قەلبى، بىلىمگە تەلپۈنەر دانانىڭ ئۆزى.
تەلىم بەرسەڭ داناغا، زىيادە بولار ئۇنىڭ ئەقلى، ئۆگەتسەڭ ھەققانىي ئادەمگە، ئاشار ئۇنىڭ بىلىمى.
ھانانىيا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ، جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلار بەك قورقۇشۇپ كەتتى.
توپتىن ئايرىلغان ئويلار ھامان ئۆزىنىلا، قارشى چىقار ئۇ ھەرقانداق دانالىققا.
دەل شۇ چاغدا، زېمىن شىددەتلىك تەۋرەندى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى ئىنتايىن قورقۇشۇپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.
تەشنا بولار بىلىمگە ئاقىلنىڭ يۈرىكى، قانائەت تاپار نادانلىقتىن ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى.
ئاڭلاپ بۇلارنى دانالار تېخىمۇ دانا بولسۇن، زېرەكلەر ئاقىلانە مەسلىھەتكە ئېرىشسۇن.
ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىبرەت ئېلىپ قورقىدىغان بولىدۇ.
ئۇلارنى ئۆلتۈرسەڭلار، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاڭلاپ قورقىدۇ. ئاراڭلاردىن ھېچكىم يەنە مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرغان بارلىق ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ قېچىپ كېتىشتى.
كىمكى تەنبىھلىسە مازاق قىلغۇچىلارنى، ئۇچرار ئاھانەتكە، ئەيىبلىسە رەزىللەرنى، قالار ھاقارەتكە.