Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 21:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ياماننىڭ كۆڭلى ھېرىسمەندۇر يامانلىققىلا، ھىممەت قىلماس ئۇ ھەتتا ئۆز يېقىنلىرىغا.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 21:10
19 Referans Kwoze  

چۈنكى، بۇ دۇنيادىكى ئىشلار، يەنى جىسمانىي ھەۋەس، ئاچكۆزلۈك ۋە مەغرۇرلۇققا ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن كەلگەن ئەمەس.


قوشناڭغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولما، چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ خاتىرجەم ياشىدى يېنىڭدا.


چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.


ئۇلاردەك يامان ئىشلارغا بېرىلمەسلىكىمىز ئۈچۈن، بۇ ۋەقەلەردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك.


كىمكى قۇلاق سالمىسا كەمبەغەللەرنىڭ داد-پەريادىغا، ئۆزى داد-پەرياد قىلغاندىمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمەس ئۇنىڭغا.


كۆز قىزارتار رەزىلنىڭ ئولجىسىغا يامانلار، يىلتىز تارتىپ مېۋە بېرەر ھەققانىيلار.


سېخىيدۇر ئۇلار، يوقسۇللارغا بېرەر سەدىقە، مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ھەققانىيلىقى ئۇلارنىڭ، قۇدرەت تېپىپ، نائىل بولار ھۆرمىتىگە كىشىلەرنىڭ.


ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار، ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار.


رەزىل پىلان تۈزۈشەر ياتقاندىمۇ كېچىلىرى، ئاتقاندۇر گۇناھ يولىغا ئۆزلىرىنى، ھېچقاچان رەت قىلماس يامانلىقنى.


يامانلىق قىلىشتىن خۇشاللىنار، رەزىللىكنىڭ نىجىسلىقىدىن شادلىنار،


يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر، ھاجەتمەنلەرگە رەھىم قىلغان بەختلىكتۇر.


سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشتىن، ئەۋزەلدۇر ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياشاش.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite