Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 20:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ماجىرادىن ئۆزىنى تارتىش ئىززەت كەلتۈرەر كىشىگە، ھەربىر ئەخمەق تەيياردۇر ئارىلىشىشقا جېدەلگە.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 20:3
17 Referans Kwoze  

ئەۋزەلدۇر سەۋرچان ئادەم باتۇردىن، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش شەھەر ئالغاندىن.


توسمىدىكى سۇ تاشقاندەكتۇر جېدەلنىڭ باشلىنىشى، شۇڭا جېدەل ئەۋجىگە چىقىشتىن ئاۋۋال توختات ئۇنى.


بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار.


ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى ئاچچىقلانماس ئاسانلىقچە، باشقىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈشى شۆھرەت كەلتۈرەر ئۆزىگە.


ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئېغىر-بېسىق كىشى، ئاشكارىلار ئەخمەقلىقىنى چېچىلغاق كىشى.


ئاراڭلاردىكى توقۇنۇش ۋە ماجىرالارنىڭ مەنبەسى نېمە؟ بۇ دەل قەلبىڭلارنى چىرمىۋالغان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلار ئەمەسمۇ؟


جېدەل چىقىرار ھاماقەتنىڭ تىلى، ئۆزىنى تاياققا تۇتۇپ بېرەر ئۇنىڭ ئاغزى.


لېكىن، قەلبىڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولسا، ئەقىل-پاراسەتلىكمەن، دەپ ئۆزۈڭلاردىن ماختانماڭلار. ئەگەر ماختانساڭلار، يالغان سۆزلەپ، ھەقىقەتنى يوققا چىقارغان بولىسىلەر.


تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىق قىلغان «مەسخىرىچى» دەپ ئاتىلار، ئۇ زىيادە كىبىرلىك بىلەن ئىش قىلار.


مىجەزى ئىتتىك ئادەم ئەخمىقانە ئىش قىلار، بەتنىيەت نەپرەتكە قالار.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشمۇ ئەلچى ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا مۇنداق دېدى: _ لىۋان تاغلىرىدا بىر تىكەن كېدىر دەرىخىگە: «قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەر» دەپتۇ. لېكىن لىۋان تاغلىرىدىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسەپ چەيلىۋېتىپتۇ.


ئۇلارنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقىشقا باشلىدى. (بۇ چاغدا كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەر يەنىلا شۇ يەرلەردە ياشايتتى.)


شۇڭا ئىبرام لۇتقا: _ بىز بولساق ئۇرۇق-تۇغقان، ئارىمىزدا ياكى پادىچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقمىسۇن.


ئارىلىشىش ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز جاڭجالغا، ئوخشار ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىتنىڭ قۇلىقىنى تارتقانغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite