4 قازساڭ دانالىقنى ئالتۇن-كۈمۈش قازغاندەك، ئىزدىسەڭ ئۇنى يوشۇرۇن خەزىنە ئىزدىگەندەك،
- ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزدا يوشۇرۇلغان بىر خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى تېپىۋالغۇچى ھاياجان ئىچىدە خەزىنىنى قايتىدىن يوشۇرۇپ، شۇ ئېتىزنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بار-يوقىنى سېتىۋېتىدۇ.
مېنى دەپ ئۆيلىرى، قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى يوقاتقانلىرىدىن يۈز ھەسسە ئارتۇقراققا ئېرىشىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
دانالىققا ئېرىشىش ئالتۇنغا ئېرىشىشتىن كۆپ ئەۋزەلدۇر، ئەقىل-ئىدراكلىقنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن ئەلادۇر.
ئۇلار ئۆلەي دېسىمۇ ئۆلەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئىستىكى بايلىققا بولغان ئىستىكىدىن ئۈستۈن بولىدۇ.
باي بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ سەمىمىيەتسىز غوجىدارىنىڭ زېرەكلىكىگە قايىل بوپتۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆز كەلگۈسىنى ئويلاپ تەييارلىق قىلغانىكەن. دەرۋەقە، بۇ دۇنيانىڭ ئىمانسىز ئادەملىرى ئۆز مەنپەئىتىگە كەلگەندە، خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا ياشايدىغان ئادەملەردىن زېرەك.
ھېچبىر يۆلەنچۈكى يوق كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ يا بالىسى، يا قېرىندىشى يوق. لېكىن ئۇلار ئۆمۈر بويى جاپالىق ئىشلەيدۇ، كۆزى بايلىققا تويمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن: «مەن كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن، نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشاللىقلاردىن ۋاز كېچىمەن؟» دەپ سورىمايدۇ. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر، قايغۇلۇق ئىشتۇر.
بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى، تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.
بەرھەق، ئالتۇندىن ئەلا بىلىمەن ئەمرلىرىڭنى، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۇلارنى.
ئېيتقان تەلىملىرىڭنى بىلىمەن ئەلا، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ھەتتا.
ئادەملەر خۇرسەن بولغاندەك بايلىقلىرىدىن، شادلىنىمەن ئۆزۈم پەرزلىرىڭدىن.
قىممەتتۇر ئۇلار ئالتۇندىن، ھەتتا بارچە ساپ ئالتۇندىن، شېرىندۇر ھەسەلدىن، ھەتتا ھەرە كۆنىكىدىن تامچىغان ھەسەلدىن.
خىتاب قىلساڭ پاراسەتكە تەشنا بولۇپ، چاقىرىساڭ ئەقىل-ئىدراكنى تەلمۈرۈپ،
سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،
ئۇ كۈنى ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قازغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: _ بىز سۇ تاپتۇق! _ دېدى.
دانالىققا ئېرىشىشتۇر دانالىقنىڭ باشلىنىشى، ئەقىل تاپ، بېرىپ بولسىمۇ پۈتۈن بايلىقىڭنى.