3 خىتاب قىلساڭ پاراسەتكە تەشنا بولۇپ، چاقىرىساڭ ئەقىل-ئىدراكنى تەلمۈرۈپ،
ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا، ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.
پەرۋەردىگار قۇلاق سالغىن ئاھۇزارىمغا، ۋاپا قىلىپ ۋەدەڭگە ئىدراك بەرگىن ماڭا.
ئەقىل-ئىدراك بەرگىن مەن قۇلۇڭغا، پەرزلىرىڭنى چۈشىنەلەيمەن شۇندىلا.
گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى، ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى.
قەلبىمنى يورۇتقايسەن، يولۇڭنى تۇتاي، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلاي.
سېنىڭ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى بويىچە باشقۇرۇشۇڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلسۇن.
سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،
قۇلاق سالساڭ دانالىققا، كۆڭۈل قويساڭ ئەقىل-ئىدراكقا،
قازساڭ دانالىقنى ئالتۇن-كۈمۈش قازغاندەك، ئىزدىسەڭ ئۇنى يوشۇرۇن خەزىنە ئىزدىگەندەك،
ئەي ئوغۇللىرىم، ئاتاڭلارنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئەقىل-ئىدراك تېپىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار.