1 ئەي ئوغلۇم، ئەگەر قوبۇل قىلساڭ سۆزلىرىمنى، قەلبىڭدە ساقلىساڭ بۇيرۇقلىرىمنى،
ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.
تەربىيىلەر سېنى ئاقىلانىلىك بىلەن ياشاشقا، ھەققانىي، ئادىل ۋە دۇرۇس بولۇشقا؛
ئەي ئوغۇللىرىم، ئاتاڭلارنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئەقىل-ئىدراك تېپىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار.
ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل سۆزلىرىمگە، بۇيرۇقلىرىمنى قەدىرلە.
ئورنىتىپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەلبىڭگە، ئېسىۋال مارجان قىلىپ بوينۇڭغا.
ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەتنىمىدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قەدىرلىشىم يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى قەدىرلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.
سۆزلىرىمنى ئاڭلا، قوبۇل قىل، ئەي ئوغلۇم، شۇندا ئۇزۇن بولار ئۆمرۈڭ.
مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە ساقلاپ، چوڭقۇر ئويلىدى.
- ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزدا يوشۇرۇلغان بىر خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى تېپىۋالغۇچى ھاياجان ئىچىدە خەزىنىنى قايتىدىن يوشۇرۇپ، شۇ ئېتىزنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بار-يوقىنى سېتىۋېتىدۇ.
«ئەيسا مەسىھ گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇچىغا چىققان گۇناھكار بولىمەن.
- ئاڭلاپ قويۇڭلار، بىرسىنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن، ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرەتتى. ئانىسى يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىدى.
ئۆمۈر قىسقا، قەدىرلەشنى ئۆگەتكىن بىزگە، شۇ ئۆمۈرنىڭ ساۋاقلىرى ئورنىسۇن قەلبىمىزگە.
«كىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئېلىپ كېلىپ بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ ھەم بىزگە ئىجرا قىلدۇرىدۇ؟» دېگۈدەك دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىدا ئەمەستۇر.
دانالىق چاقىرمىدىمۇ؟ ئەقىل-ئىدراكنىڭ ئاۋازى ياڭرىمىدىمۇ؟
سالدى دانالىق بىر ئۆي ئۆزىگە، ئورناتتى يەتتە تۈۋرۈك ئۇنىڭغا.
ئاقىل ئوغۇلدۇر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلغان، ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغان.