3 ئادەمنىڭ نادانلىقى ھايات يولىنى نابۇت قىلار، ئۇ كۆڭلىدە يەنىلا پەرۋەردىگاردىن خاپا بولار.
سەۋر بىلەن سۈكۈت قىلىپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، بىئارام بولمىغىن روناق تاپقان رەزىللەردىن، ھارام پىلانى ئەمەلگە ئاشقانلاردىن.
يېتەكلەر دۇرۇسلارنى دىيانەتلىكى، ۋەيران قىلار كاززاپلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكى.
رەزىللەردىن كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلما، يامانلارغا ئىچىڭدىن ھەسەت قىلما.
ئېلىشا دەل ئاقساقاللارغا گەپ قىلىۋاتقاندا، پادىشاھ كېلىپ: _ بۇ بالايىئاپەت پەرۋەردىگاردىن كەلگەن تۇرسا، مەن نېمىدەپ يەنە پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاپ تۇرغۇدەكمەن؟ _ دېدى.
ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشنىڭ گۇناھى جادۇگەرلىك گۇناھىغا ئوخشاشلا ياماندۇر. جاھىللىق قىلىشنىڭ گۇناھى بولسا، بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ گۇناھىغا ئوخشاشلا ئېغىردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنىڭ داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇڭنى رەت قىلدى، _ دېدى.
سامۇئىل: _ سەن ئەخمەقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلماپسەن! ئەگەر رىئايە قىلغان بولساڭ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ئۈستىدىكى پادىشاھلىق ئورنۇڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلغان بولاتتى.
ئەخمەقلەر ئەخمەقلەرچە سۆزلەپ، رەزىل پىلانلارنى تۈزىدۇ، ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار توغرىسىدا خاتا تەلىملەرنى تارقىتىدۇ، ئۇلار ئاچ قالغانلارنى تائامسىز، ئۇسسۇغانلارنى سۇسىز قويىدۇ.
خۇداغا غەزەپلەنگەنلىكىڭدىن، شۇڭا شۇنداق رەزىل سۆزلەرنى قىلىۋاتامسەن؟
بىز جازالاندۇق گۇناھلىرىمىز ۋەجىدىن، قانداقمۇ ئاغرىنايلى خۇدادىن؟
لېكىن سىلەر: «ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر» دەيسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاڭلاڭلار، مېنىڭ ئەمەس، بەلكى دەل سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار ئادالەتسىزلىكتۇر!