11 ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى ئاچچىقلانماس ئاسانلىقچە، باشقىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈشى شۆھرەت كەلتۈرەر ئۆزىگە.
ئەۋزەلدۇر سەۋرچان ئادەم باتۇردىن، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش شەھەر ئالغاندىن.
ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئېغىر-بېسىق كىشى، ئاشكارىلار ئەخمەقلىقىنى چېچىلغاق كىشى.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن.
تېرىككەك جېدەل چىقىرار، سەۋرچان تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار.
تېزلا بىلىنەر كەلسە ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى، ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا زېرەك چاندۇرماس ئىنكاسىنى.
بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار.
ماجىرادىن ئۆزىنى تارتىش ئىززەت كەلتۈرەر كىشىگە، ھەربىر ئەخمەق تەيياردۇر ئارىلىشىشقا جېدەلگە.
دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، نان بەر، ئۇسسىغان بولسا، سۇ بەر.
توسمىدىكى سۇ تاشقاندەكتۇر جېدەلنىڭ باشلىنىشى، شۇڭا جېدەل ئەۋجىگە چىقىشتىن ئاۋۋال توختات ئۇنى.
دەمەشقتىكى ئابانا دەرياسى بىلەن پارپار دەرياسىنىڭ سۈيى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ سۇلىرىدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا مەن شۇ سۇلاردا يۇيۇنسام ساقايماسمىدىم؟ _ دېگىنىچە بۇرۇلۇپلا ئۇ يەردىن كەتتى.
چېقىمچى ئاشكارىلار مەخپىيەتلىكنى، ئىشەنچلىك كىشى چىڭ ساقلار سىرنى.
ئەخمەق بىراقلا ئاشكارىلار غەزىپىنى، ئاقىل بېسىۋالار ئۆزىنى.
يامانلىق قايتۇرىمەن دېمە يامانلىققا، پەرۋەردىگارنى كۈت، ئۇ ياردەم بېرەر ساڭا.