Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 18:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 يامانغا يان بېسىپ ھۆكۈمدە، ھەققانىينى ناھەقچىلىققا ئۇچرىتىش ناتوغرا ئەلۋەتتە.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 18:5
20 Referans Kwoze  

ھەقىقەتنى بۇرمىلىماڭلار، ھەم نامراتلارغا يان باسماڭلار ھەم ھوقۇقدارلارغا خۇشامەت قىلماڭلار، ھۆكۈمدە ئادىل بولۇڭلار.


بىرىگە يان بېسىش ياماندۇر، بىراق ئادەم بىر بۇردا نان ئۈچۈنمۇ بۇنداق گۇناھنى ئۆتكۈزۈر.


يۈز ئاياپ قانۇننى بۇزمىسۇن، يان باسمىسۇن، پارا ئالمىسۇن. چۈنكى پارا دانالارنىڭ ئەقىل كۆزىنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.


«ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر قاچانغىچە؟ رەزىللەرگە يان باسىسىلەر نە چاغقىچە؟ سېلاھ


بۇلارمۇ دانالارنىڭ سۆزلىرىدۇر: ھۆكۈمدە بىر تەرەپكە يان بېسىش ياماندۇر.


ياماننى ئاقلىغانلىق بىلەن ھەققانىينى قارىلىغانلىق، ھەر ئىككىسى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىك.


ئۇلار ئۆز شاگىرتلىرىنى رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ۋە ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشمايسىز.


ئۇلار پارا ئېلىپ گۇناھكارنى قويۇپ بېرىدۇ، بىگۇناھقا ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ.


ئۇ ھۆكۈمرانلارغا يان باسمايدۇ، باينى كەمبەغەلدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ھەممىنى ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىدە قىلغاندۇر.


ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ.


ئادالەت چېكىندى، ھەققانىيەت يىراقتا، سەمىمىيەت مەيداندا يىقىلىپ چۈشكەن، ئادىللىق كېلەلمەيدۇ.


كۆپ سانلىقلارغا ئەگىشىپ يامانلىق قىلماڭلار. دەۋادا گۇۋاھلىق بەرگەندە، كۆپچىلىككە يان بېسىپ ھەقنى بۇرمىلىماڭلار.


دەۋادا كەمبەغەللەرگە ئۇۋال قىلماڭلار.


ناتوغرىدۇر ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇش، ئادالەتنى قوللىغىنى ئۈچۈن ئەمەلدارلارنى ئۇرۇش.


چۈنكى ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنتۇپ قالار قانۇننى، بۇرمىلىۋېتەر ئېزىلگەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى.


ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! سىلەر ئادالەتنى ئۆچ كۆرىسىلەر، ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىسىلەر.


دەۋادا كەمبەغەلگىمۇ يان باسماڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite