Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 18:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئەخمەق قىزىقماس ئەقىل-ئىدراكقا، پەقەت قىزىقار ئوي-پىكىرلىرىنى ئېيتىشقا.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 18:2
14 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئەخمەقلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىنى كەمسىتىدۇ.


بىلىندۇرمەس زېرەكلەر ئۆز بىلىمىنى، ئاشكارىلار ئەخمەقلەر ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى.


پۇلنىڭ نېمە پايدىسى ئەخمەقنىڭ قولىدىكى؟ سېتىۋالالامتى دانالىقنى؟ پەقەت يوق ئۇنىڭغا ئېرىشىش نىيىتى.


زېرەك بىلىمىگە تايىنىپ ئىش قىلار، ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار.


ئەمدى خېتىڭلاردىكى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ياكى يېمەسلىك مەسىلىسىگە كېلەيلى. سىلەر ھەممىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بىلىمىمىز بار، دەپ قارايسىلەر. بىراق، بىلىمى كۆپ بولغان ئادەم تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن، مېھىر-مۇھەببىتى كۆپ بولغان ئادەم بولسا قېرىندىشىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە پۇرسەت ئىزدەيدۇ.


نادان ئادەم يول يۈرگەندىمۇ، ئەقىلسىزلىقىنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزىنىڭ دۆتلۈكىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.


دەرۋەقە، ماڭا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، مەن بىلەن بەسلىشىش مەقسىتىدە خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتقانلارمۇ بار. ئەمما باشقىلار خۇش خەۋەرنى ياخشى نىيەت بىلەن يەتكۈزۈۋاتىدۇ.


شۇڭا، سىلەر مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولۇشقا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلگەنىكەنسىلەر، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادتا يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان قابىلىيەتلەرنى ئىگىلەشكە تېخىمۇ كۆپ ئىنتىلىڭلار.


شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشكىلى چىقتى. ئۇلار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.


_ ئەي نادانلار، قاچانغىچە نادانلىقتا يۈرىسىلەر؟ ئەي مازاقچىلار، قاچانغىچە مازاق قىلىشتىن ھۇزۇر ئالىسىلەر؟ ئەي ئەقىلسىزلەر، قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلىنىسىلەر؟


تەڭ كېلەر يامان كىشى نەپرەت بىلەن، نومۇس ئىزا-ئاھانەت بىلەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite