12 ھالاكەتتىن ئىلگىرى ئادەمنىڭ يۈرىكىدە بولۇر تەكەببۇرلۇق. ئىززەت-ھۆرمەتتىن ئىلگىرى يۈرەر كىچىك پېئىللىق.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر، ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ ئالدىدا كىچىك پېئىللىق يۈرەر.
ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.»
تەكەببۇرلۇق كەينىدىن كېلەر شەرمەندىلىك، ھەمراھ بولار كەمتەرلىككە دانالىق.
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر ھۆكۈمرانىغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سەن تەكەببۇرلۇق قىلىپ، كۆڭلۈڭدە: ‹مەن ئىلاھتۇرمەن، دېڭىزدىكى ئىلاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىمەن› دەيسەن. سەن ئۆزۈڭنى خۇدادەك دانا چاغلىساڭمۇ، لېكىن سەن بەرىبىر ئىنسانسەن، خۇدا ئەمەستۇرسەن.
كىشىنى پەس قىلار مەغرۇرلۇق، ھۆرمەتكە ئېرشتۈرەر كەمتەرلىك.
ئاۋۋال كېلەر تەكەببۇرلۇق ھالاكەتتىن، ھاكاۋۇرلۇق يىقىلىشتىن.
چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.
سەن ئۆزۈڭنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ ئالدىدا يەنىلا ئىلاھ دېيەلەمسەن؟ سەن سېنى ئۆلتۈرىدىغانلارنىڭ قولىدا پەقەت ئاددىي بىر ئىنسانسەن، ئىلاھ ئەمەستۇرسەن.
سەن دۇئا قىلىشنى باشلىغان ۋاقتىڭدىلا ساڭا جاۋاب بېرىلىپ بولۇنغانىدى. مەن شۇ جاۋابنى ساڭا يەتكۈزگىلى بۇ يەرگە كەلدىم، چۈنكى خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ. دىققەت قىلىپ ئاڭلىساڭلا، ۋەھىينىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيسەن.
مەن دۇئالىرىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، گۇناھلىرىمنى ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلدىم. پەرۋەردىگارىم خۇدادىن ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغى يېرۇسالېم ئۈچۈن ئىلتىجا قىلدىم.
مىسىر بىر پارچە قاقاس زېمىنغا ئايلىنىدۇ. شۇندىلا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. سەن: ‹نىل دەرياسى مېنىڭدۇر، ئۇنى مەن ياراتتىم› دېگەنلىكىڭ ئۈچۈن،
ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، گەرچە مەن ياش، تەجرىبىسىز، دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمىسەممۇ، ئەمما سەن مەن قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ.