5 كەمبەغەلنى مازاق قىلغان ھاقارەت كەلتۈرەر ياراتقۇچىسىغا، باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىگە شادلانغان چوقۇم دۇچ كېلەر جازاغا.
كەمبەغەلنى ئەزگەنلىك ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكتۇر، ھاجەتمەنگە شاپائەت قىلغانلىق ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر.
ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟
پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر تەكەببۇرلار، مۇقەررەركى، جازاسىز قالماس ئۇلار.
مەن قانداقسىگە دۈشمەننىڭ بالاسىدىن شادلىناي، ئۇلارنىڭ قازاسىدىن خۇشاللىناي؟
يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر، ھاجەتمەنلەرگە رەھىم قىلغان بەختلىكتۇر.
خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار.
ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ خەلقىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمىتىمنى تاشلىمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈشۈڭنى خالىمىدىم. مەن ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىسەن.
چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم ئۇرغۇتىدۇ خۇددى ئوتتەك مېنىڭ قەلبىمنى. ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ، باستى ھەم مېنىڭ ئۈستۈمنى.
مېنىڭ خەلقىم مۇقەددەس تېغىمدا جازا شارابىنى تولۇق ئىچىۋەتتى، ئەمدى سەن ۋە ئەتراپىڭدىكى ئەللەرمۇ بۇ جازا شارابىنى تولۇق ئىچىسىلەر. شۇنداق، سىلەر جازا شارابىنى ئىچىسىلەر. سىلەر خۇددى ھېچقاچان مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك يوقاپ كېتىسىلەر.
ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. مۇقەددەس ئىبادەتخانام بۇلغىنىپ، ئىسرائىلىيە زېمىنى خارابلىشىپ، يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنغاندا سىلەر خۇشال بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن،
ئەي ئىدوم، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا، يەنى تۇغقانلىرىڭغا زوراۋانلىق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئىزا-ئاھانەتكە قالىسەن ھەمدە مەڭگۈلۈككە ۋەيران قىلىنىسەن.