8 مول بايلىقنى تاپقاندىن ئادالەتسىزلىك بىلەن، ئەۋزەلدۇر ئاز تاپقان ھەققانىيلىق بىلەن.
مول بايلىقى بىلەن تەشۋىشتە ئۆتكەندىن، ئەۋزەلدۇر ئاز دۇنيا بىلەن ئەيمىنىپ ئۆتكەن پەرۋەردىگاردىن.
قولىدىكى ئاز دۇنيامۇ ھەققانىي ئادەملەرنىڭ، ئەۋزەلدۇر نۇرغۇن بايلىقلىرىدىن رەزىللەرنىڭ.
ئوغرىلاپ كېلىنگەن تۇخۇمدىن تۆرەلگەن كەكلىك ئۇچۇپ كەتكەندەك، كىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن توپلىغان مال-دۇنيالىرى يوقىلىپ كېتىدۇ. ھايات مەزگىلىدە ئۇ مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىر ئەخمەق ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.»
مەن رەزىللەرنىڭ ئۆيىدىكى ھارام بايلىقلارغا يەنە كۆز يۇمارمەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ ساختا گىر تاشلىرى لەنەتلەنگەندۇر.
پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا ئادەمنىڭ تۇتقان يولى، پەرۋەردىگار ھەتتا ياراشتۇرار دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇنى.
ئىنسان ئۆز يولى ئۈچۈن پىلان تۈزەر كۆڭلىدە، ئەمما پەرۋەردىگار قارار قىلار ئۇنىڭ قەدىمىگە.
«بىراق ئارامخۇدا تاپقان بىر قولدىكى ئاز نەرسە، شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، جاپالىق ئىشلەپ تاپقان ئىككى قولدىكى جىق نەرسىدىن ئەۋزەلدۇر.»
ئۆچ-ئاداۋەت ئىچىدە بوردىغان مالنىڭ گۆشىنى يېگەندىن كۆرە، ئەۋزەلدۇر كۆكتات يېگەن مېھىر-مۇھەببەت ئىچرە.
جېدەل-ماجىرالىق ئۆيدىكى مول داستىخاندىن كۆرە، بىر بۇردا قۇرۇق نان ئەۋزەلدۇر تىنچ-خاتىرجەملىكتە.
دىيانەت يولىدا ماڭغان كەمبەغەل كىشى، ئەگرى يولدا يۈرگەن بايدىن ياخشى.