Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 16:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 پەرۋەردىگارنىڭ ئىلھامى بار پادىشاھنىڭ قارارىدا، ئادالەتسىزلىك چىقماس ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھۆكۈم چىقارغىنىدا.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 16:10
17 Referans Kwoze  

يۈسۈپ ئۇلارغا: _ سىلەرنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ مەندەك بىر ئادەمنىڭ پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ _ دېدى.


نېمىشقا خوجايىنىمنىڭ كۈمۈش جامىنى ئوغرىلاپ كېتىسىلەر؟ خوجايىنىم ئۇ جامدا ھەم شاراب ئىچەتتى، ھەم پال ئاچاتتى. سىلەر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار!» دېگىن، _ دېدى.


سىلەر ئادالەتنى قىرتاق قىلدىڭلار، ھەققانىيلىقنى چۆرۈپ تاشلىدىڭلار.


ھەقىقەتەن پادىشاھلار يالغان گەپ قىلىدۇ، يالغان قەسەم قىلىدۇ، يالغاندىن ئىتتىپاق تۈزىدۇ. شۇڭا ئېتىزلاردا زەھەرلىك چۆپلەر كۆپىيىپ كەتكەندەك، دەۋالارمۇ كۆپىيىپ كەتتى.


پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشتى. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەقىل-پاراسەت بەرگەنلىكىنى بىلدى.


ئات قىيا تاشلار ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئۆكۈز دېڭىزنى يەردەك ئاغدۇرالامدۇ؟ لېكىن سىلەر شۇنداق قىلىپ، ئادالەتنى زەھەرگە ئايلاندۇردۇڭلار، ھەققانىيەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىنى قىرتاق قىلدىڭلار.


ئى ئادالەت سۆيگۈچى قۇدرەتلىك شاھىمىز _ خۇدا، ئادىللىقنى ئورناتقانتىڭ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئارىسىغا، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئەمەلگە ئاشقانىدى ئۇلاردا.


ئۇززىيا قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، ھاكاۋۇرلىشىپ، ھالاكەت يولىغا قاراپ ماڭدى. بىر كۈنى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىردى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق كۆيدۈرمەكچى بولدى.


ئوغلۇم بىلەن مېنى خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان يېرىمىزدىن ئايرىماقچى بولغانلاردىن قۇتقۇزار» دەپ ئويلىدىم.


پادىشاھ مۇستەھكەم قىلار ئادالەت بىلەن يۇرتنى، پارىخور بولسا زاۋال تاپقۇزار ئۇنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite