Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 15:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 دانالارنىڭ سۆزى بىلىمگە جەلپ قىلار، ئەخمەقلەرنىڭ ئاغزىدىن نادانلىق ياغار.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 15:2
14 Referans Kwoze  

بىلىندۇرمەس زېرەكلەر ئۆز بىلىمىنى، ئاشكارىلار ئەخمەقلەر ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى.


ھەققانىي ئادەم ئۆزىنى دەڭسەپ سۆزلەر، يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر.


زېرەك بىلىمىگە تايىنىپ ئىش قىلار، ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار.


ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئەقىل-پاراسەت بېرىپ، چارچىغانلارغا قانداق سۆزلەر بىلەن مەدەت بېرىشنى ئۆگەتتى. ھەر كۈنى سەھەردە ئىگەم مېنى ئويغىتىدۇ، مېنى شاگىرتقا ئوخشاش دىققەت بىلەن ئاڭلىسۇن دەپ، قۇلاقلىرىمنى ئاچتى.


دانانىڭ قەلبىدىكى دانالىق ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقار، سۆزلىرى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولار.


جايىدا بېرىلگەن جاۋاب كىشىنى خۇش قىلۇر، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر!


توختىماستىن ئېغىزلىرىدىن يامانلىق چىقار، تىللىرى ئۇلارنىڭ خەنجەرگە ئوخشار، ئىچىدە «قىلغانلىرىمىزنى كىممۇ بىلەر» دەپ ئويلار.


گۈزەل بىر ئىش ھاياجانغا سالغاچ مېنىڭ قەلبىمنى، ئوقۇماقتىمەن پادىشاھقا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى، تىلىم سۆزگە ماھىردۇر گويا بىر شائىر كەبى.


بىلىم تارقىتار دانانىڭ تىلى، ئۇنىڭغا ئوخشىماس ئەقىلسىزنىڭ دىلى.


ئادەمدە تەشۋىش كۆپ بولسا، يامان چۈشمۇ كۆپ بولىدۇ، سۆز كۆپ بولسا، نادانلىق ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.


نادانلار ۋالاقلاپ توختىمايدۇ. ھېچكىم كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىلمەيدۇ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەيدۇ.


شۇندا ئايرىلماس ئەقىل-ئىدراك سەندىن، دۇرۇس سۆزلەر تۆكۈلەر لەۋلىرىڭدىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite