10 دۇچ كېلەر قاتتىق جازاغا توغرا يولنى تاشلىغۇچى، ھالاك بولار تەنبىھىنى رەت قىلغۇچى.
تەربىيىنى سۆيگەن بىلىمنى سۆيگۈچىدۇر. تەنبىھنى ئۆچ كۆرگەن ھاماقەتتۇر.
كىمدەكىم يامانلىق قىلسا، نۇرغا ئۆچ بولىدۇ ۋە قىلغان-ئەتكەنلىرىم ئاشكارا بولۇپ قالمىسۇن دەپ، نۇردىن قاچىدۇ.
دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار، مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھتىن ئۆزىنى تارتار.
تەربىيىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاياتلىق يولىدىدۇر، تەنبىھنى رەت قىلغۇچى يولدىن ئازغان كىشىدۇر.
بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرنى ھەرگىز ئۆچ كۆرمەيدۇ، لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى، مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىل دەپ، گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن.
شۇ چاغ دەيسەنكى: _ نېمىشقىمۇ تەربىيىنى ئۆچ كۆرگەندىمەن؟ كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى مەنسىتمىگەندىمەن؟
قوبۇل قىلمىدىڭلار مېنىڭ نەسىھەتلىرىمنى، مەنسىتمىدىڭلار بارلىق تەنبىھلىرىمنى.
_ بۇ يەردە پەرۋەردىگاردىن سوئال سورىيالايدىغان بىرى بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ. چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ قىلمايدۇ، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر. _ پادىشاھ تۇرۇپ بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات.
ئىلياس يېتىپ بارغاندا، ئاخاب ئۇنىڭغا: _ ئەي دۈشمىنىم، مېنى تېپىۋالدىڭمۇ؟ _ دېدى. ئىلياس جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ شۇنداق، سېنى تېپىۋالدىم، چۈنكى سەن يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدىڭ.
ئاخاب ئىلياسقا: _ ئىسرائىلىيەگە بالا كەلتۈرگەن ئادەم سەنمۇ؟ _ دېدى.
دەرسەنكى: «مېنى دۇمبالىدى، ئاغرىمىدى! ئۇردى، بىلمىدىم ھېچنېمىنى. قاچان ھوشۇمغا كېلىپ يەنە ئىچەرمەن مەينى!»
پەرۋا قىلمىدىڭلار نەسىھەتلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىغا، خالىمىدىڭلار قۇلاق سېلىشنى تەنبىھلىرىمگە.
پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر ياماننىڭ يولى، ياخشى كۆرەر ئۇ ھەققانىيلىقنى ئىزدىگۈچىنى.
پەرۋەردىگارغا ئايان تۇرسا ئۆلۈكلەر ماكانى، تېخىمۇ ئايان بولماسمۇ ئىنسانلارنىڭ دىلى؟
چۈنكى ئۇلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەق يولىدىن چەتنىدى.
ئۆچ كۆرىدىغان تۇرساڭ تەلىملىرىمنى، رەت قىلىدىغان تۇرساڭ سۆزلىرىمنى.
مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى توغرا يولدا يېتەكلىگەن بولساممۇ، سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ ئاپەتلەرنى ئۆز بېشىڭلارغا تاپتىڭلار.
ئەگەر سەن ئۇنى يامان يولىدىن يېنىشىغا ئاگاھلاندۇرساڭ، لېكىن يامان يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. لېكىن سەن بولساڭ ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىسەن.