9 پارلاپ تۇرار ھەققانىينىڭ نۇرى، ئۆچۈرۈلەر ياماننىڭ چىرىغى.
تاڭ نۇرىغا ئوخشار ھەققانىيلارنىڭ يولى، قۇياش تولۇق كۆتۈرۈلگىچە نۇرلىنار يورۇغانسېرى.
چۈنكى بولماس رەزىللەرنىڭ ئىستىقبالى، ئۆچۈرۈلەر يامانلارنىڭ چىرىغى.
كىمكى ئاتا-ئانىسىنى قارغىسا، ئۆچەر ئۇنىڭ چىرىغى تۈن قاراڭغۇسىدا.
قاراڭغۇلۇقتا نۇر چېچىلار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر خۇدا.
نۇر خۇددى ئۇرۇقتەك چېچىلغاندۇر ھەققانىيلارغا، شادلىق تېرىلغاندۇر دىلى دۇرۇسلارغا.
ئەقىلسىز قىزلار ئەقىللىقلەرگە: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالاي دېدى، يېغىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ.
لېكىن مەن سۇلايماننىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنىڭ زېمىنىنى قالدۇرۇپ، ماڭا ئىبادەت قىلىشقا تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويمايمەن.
ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمدا يېنىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ نۇرى قاراڭغۇدا ماڭا ھەمراھ ئىدى.
رەزىللەرنىڭ چىرىغى قاچان ئۆچۈپ باققان؟ ئۇلار قاچان بالا-قازاغا يولۇقۇپ باققان؟ خۇدانىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئۇلارنى قاچان جازالاپ باققان؟
پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ، تاشقىرىغا، قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەرگە تاشلانغانلار ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ.
بايلىق باينىڭ جېنىغا تۆلەم بولار. يوقسۇل تەھدىتتىن خالىي بولار.
چىقار پەقەت جېدەل-ماجىرا كىبىرلىكتىن، تېپىلار دانالىق نەسىھەت ئاڭلايدىغانلاردىن.
مەن سېنى يوقاتقاندا، ئاسماننى يېپىپ، نۇرسىز قىلىمەن يۇلتۇزلارنى. بۇلۇت بىلەن توسىمەن قۇياشنى، چاچمايدۇ ئايمۇ نۇرىنى.
ئەجەبا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ نامى جەمەت ئىچىدىن ئۆچۈپ كېتىشى كېرەكمۇ؟ ئاتىمىزنىڭ جەمەتىدىن بىزگىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.