Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 13:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 بايلىق باينىڭ جېنىغا تۆلەم بولار. يوقسۇل تەھدىتتىن خالىي بولار.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 13:8
15 Referans Kwoze  

بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟!


شەيتان جاۋابەن: _ جېنىغا ئازاب بېرىپ باققىن، نېمە قىلاركىن؟ ئىنسان ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشكە تەيياردۇر.


مەن ئىچىڭلاردىكى كەمتەر ۋە ئىتائەتمەن كىشىلەرنى قالدۇرىمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن پاناھلىق ئىزدەيدۇ.


لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىسمائىلغا: _ بىزنى ئۆلتۈرمە! بىز ساڭا ئېتىزلىقلارغا يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە ھەسىلىمىزنى بېرەيلى، _ دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرمەي ھايات قالدۇردى.


لېكىن ئۇ يەھۇدىيە زېمىنىغا ھېچنېمىسى يوق نامرات كىشىلەرنى قالدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇلارغا ئۈزۈمزارلىقلار ۋە ئېتىزلارنى بەردى.


ھەرقانداق تۆلەمگە ئۇ قاراپمۇ قويماس، بەرسەڭمۇ قانچىلىك سوۋغات، ئۇ رازى بولماس.


بىر قىسىم نامراتلارنى ئۈزۈمچىلىك ۋە دېھقانچىلىق قىلىشقا قالدۇردى.


ئۇ يېرۇسالېم ئاھالىسىنى، يەنى سەركەردىلەر، پالۋانلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بولۇپ جەمئىي ئون مىڭ ئادەمنى سۈرگۈن قىلدى. يۇرتتا پەقەت نامرات كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى.


ئەگەر تۆلەم تۆلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنسا، ئۆكۈزنىڭ ئىگىسى ئۆلتۈرۈلمىسۇن، ھاياتى بەدىلىگە تەلەپ قىلىنغان تۆلەمنى تۆلەپ بەرسۇن.


بەزىلەر باي كۆرسىتەر ئۆزىنى، لېكىن بۇ قۇرۇق سۆلەتتۇر، بەزىلەر يوقسۇل كۆرسىتەر ئۆزىنى، ئەمما كاتتا بايلاردۇر.


پارلاپ تۇرار ھەققانىينىڭ نۇرى، ئۆچۈرۈلەر ياماننىڭ چىرىغى.


ئاقىلنىڭ ئېرىشكەن بايلىقى ئۇنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر، نادانلىقىدىن ئەخمەققە پەقەت نادانلىق قالۇر.


چۈنكى، ھاياتلىق يېمەك-ئىچمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىزدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite