Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 13:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئېرىشەلمەس ھۇرۇنلار كۆڭلى خالىغان ھەر قانداق نەرسىگە، ئېرىشەر تىرىشچانلار بارلىق ئارزۇسىغا.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 13:4
26 Referans Kwoze  

تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار، ھۇرۇن ئالۋانغا تۇتۇلار.


يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق. قۇرۇق خىيال سۈرگەننىڭ ئەقلى يوق.


نامرات بولار قول قوشتۇرۇپ ئولتۇرغانلار، بايلىق كەلتۈرەر ئۆز قولى بىلەن ئىشچانلار.


روناق تاپار مەردلەر، سۇ بەرگەنلەرگە سۇ بېرىلەر.


جېدەل-ماجىرا تېرار ئاچكۆزلۈك قىلغان، راۋاج تاپار پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلىغان.


پۈتۈن ئۈمىدىڭلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە شۇنداق غەيرەت قىلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمىز.


بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى~-~ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان.


نەقەدەر بەختلىكتۇر ئىشىك ئالدىمدىن كەتمەي ھەر كۈنى، بوسۇغامدا كۈتۈپ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان كىشى!


ھەر دائىم مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول كۆرسىتىمەن، قاقاس يەرلەردىمۇ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىمەن ھەم ئۇستىخىنىڭلارنى مەزمۇت قىلىمەن. سىلەر خۇددى سۇغۇرۇلغان بىر باغ، ھەم سۈيى تۈگىمەس بىر بۇلاقتەك بولىسىلەر.


ھۇرۇن دەركى: «شىر باردۇر كوچا ۋە مەيداندا».


قېرىسىمۇ ئۇلار يەنە بېرىدۇ مېۋە، بۈك-باراقسان كۆكىرىپ تۇرار ھەمىشە.


ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپتۇر خۇددى توپىدەك، كىم ئۇلارنىڭ سانىنى ئالالايدۇ؟ كىم ئىسرائىللارنىڭ تۆتتىن بىرىنى ساناپ چىقالايدۇ؟ مەن ئۇلارغا ئوخشاش دۇرۇس ئادەم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتەي، ئاخىرىتىم خۇددى ئۇلارنىڭكىدەك بولسۇن.»


ئەي ھۇرۇن، ئال چۈمۈلىلەردىن ئۈلگە، ئەقىل تاپ قاراپ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە.


ھۇرۇن ھەتتا ئېرىنەر پىشۇرۇشقا ئوۋلىغان ئوۋنى، تىرىشچانلىق بولسا ئادەمنىڭ قىممەتلىك بايلىقى.


ئاغزى چىڭ جېنىنى ساقلاپ قالار، ئاغزى ئىتتىك ھالاكەتكە يۈز تۇتار.


يالغانچىلىقتىن يىرگىنەر ھەققانىيلار، ئۇياتسىزلىق قىلىپ شەرمەندە بولار يامانلار.


ھۇرۇن دېھقان ئۆز پەسلىدە يەر ھەيدىمەس، يىغىم پەيتى ھېچبىر ھوسۇل ئالالماس.


چوقۇم مولچىلىق كەلتۈرەر ئەستايىدىل ئادەمنىڭ پىلانى، پەقەت موھتاجلىقتا قالار بارلىق ئالدىراڭغۇ كىشى.


ھالاك قىلار ئۆزىنى ھۇرۇننىڭ تەمەسى، چۈنكى ئىشقا بارماس ئۇنىڭ قولى.


ئۇ كۈنى ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قازغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: _ بىز سۇ تاپتۇق! _ دېدى.


ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ئاي شەھىرىنىڭ ئادىمى ئاز ئىكەن، شۇڭا بارلىق ئادىمىمىزنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، پەقەت ئىككى-ئۈچ مىڭ ئادەم بارسىلا ئۇ شەھەرنى ئىگىلىگىلى بولغۇدەك. ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى بېرىپ، ئاۋارە بولمىسۇن!


ئۆتتۈم مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدىن.


مانا ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان، ياۋا ئوت-چۆپلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان، قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن!


سېلىۋەتكەنىدىم ئېگىنلىرىمنى، كىيەي يەنە قانداقمۇ ئۇنى؟ يۇيغانىدىم پۇتلىرىمنى، بۇلغاي يەنە قانداقمۇ ئۇنى؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite