Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 13:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ياخشى ئادەم ئۆز سۆزىدىن ياخشىلىق تاپار، خائىنلار زوراۋانلىقنىڭ كويىدا بولار.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 13:2
16 Referans Kwoze  

ئادەم ياخشى سۆزى بىلەن ياخشىلىق تاپار، مېھنىتى بىلەن ئىنئامغا سازاۋەر بولار.


دانا سۆز خۇددى ئېسىل تاماقدەك كىشىنى مەمنۇن قىلار، توغرا سۆز كۆڭۈلگە ياقار.


ھاياتلىق بۇلىقىدۇر ھەققانىينىڭ سۆزى، يوشۇرار زوراۋانلىقىنى يامانلارنىڭ تىلى.


شۇڭا سىلەر ئۆز بېشىڭلارنى يەيسىلەر، ئۆزۈڭلار كولىغان ئورىغا ئۆزۈڭلار چۈشىسىلەر.


يەر يۈزىدە روناق تاپمىسۇن چېقىمچىلار، ئوۋچىلارغا ئولجا بولۇپ يوقالسۇن زوراۋانلار.


ئۇلار يەر رەزىللىكنىڭ نېنىنى. ئىچەر زوراۋانلىقنىڭ شارابىنى.


يامان ئادەملەر سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ ۋە پەيغەمبەرلەر قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار مۇشۇ جازاغا لايىقتۇر.»


سىلەر لىۋان ئورمانلىقلىرىنى كېسىپ تاشلىغان بولساڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلارمۇ شۇنداق كېسىپ تاشلىنىسىلەر! سىلەر ياۋايى ھايۋانلارنى قىردىڭلار، ئەمدى ياۋايى ھايۋانلارنى سىلەرنى دەھشەتكە سالىدۇ! چۈنكى سىلەر كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار.


چۈنكى سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى تالان-تاراج قىلدىڭلار. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھايات قالغانلىرى ئەمدى سىلەرنىمۇ تالان-تاراج قىلىدۇ. چۈنكى سىلەر ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار.


چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ بولار، ئۇنىڭغا ئاچچىق، كۆپۈكلۈك شاراب تولغان بولار. قاچانكى خۇدا ئۇنى تۆكسە زېمىنغا، پاسىقلار دۇغلىرىنى قوشۇپ ئىچىۋالار.


لېكىن شۇ يامانلار دەل ئۆز ئۆزىگە ئەجەللىك تۇزاق قويىدۇ، ئۆز جېنىغا زامىن بولىدىغان ئورا كولايدۇ.


ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدە بولار، ئۇنى سۆيگەن ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ھوسۇل ئالار.


لېكىن سىلەر رەزىللىك تېرىپ، ئادالەتسىزلىكتىن ھوسۇل ئالدىڭلار، يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار. سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن يولۇڭلاردا ماڭدىڭلار ۋە لەشكەرلىرىڭلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشەندىڭلار.


ياخشىلىققا باشلار ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى، غەزەپ-نەپرەتتە قالدۇرار يامانلارنىڭ كۈتكىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite