16 زېرەك بىلىمىگە تايىنىپ ئىش قىلار، ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار.
دانالارنىڭ سۆزى بىلىمگە جەلپ قىلار، ئەخمەقلەرنىڭ ئاغزىدىن نادانلىق ياغار.
شۇڭا، ئەقىلسىز بولماڭلار، بەلكى رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭلار.
قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارىم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ئۇ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىززەتلىنىدۇ ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ.
نادان ئادەم يول يۈرگەندىمۇ، ئەقىلسىزلىقىنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزىنىڭ دۆتلۈكىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.
سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ئىتائەتمەن ئىكەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا، سىلەردىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. بىراق، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلاردىن خالىي بولۇشۇڭلارنى خالايمەن.
قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.
- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.
تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىق قىلغان «مەسخىرىچى» دەپ ئاتىلار، ئۇ زىيادە كىبىرلىك بىلەن ئىش قىلار.
ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار، ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار.
تەقسىر، سىز مىجەزى چۇس نابالغا [«نابال» ئەخمەق دېگەن مەنىدە] ئېتىبار قىلمىغايسىز، چۈنكى ئۇ ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىدەك ئەخمەق ئادەم. مەنكى ئاجىزەيىڭىز سىز ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمەي قاپتىمەن.
ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ باقسىڭىز. خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ، _ دېدى.
ئەخمەق قىزىقماس ئەقىل-ئىدراكقا، پەقەت قىزىقار ئوي-پىكىرلىرىنى ئېيتىشقا.
ئالار دانالىق ئاقىلنىڭ كۆڭلىدە چوڭقۇر ئورۇننى، بىلدۈرەر ئەخمەقلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۆزىنى.
نادانلارنىڭ سۆزى نادانلىق بىلەن باشلىنىپ، رەزىللىك ۋە تەلۋىلىك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.