12 ئۇزاققا سوزۇلغان ئۈمىد كۆڭۈلنى يېرىم قىلار، ئارزۇسىغا يەتمەك خۇددى ھاياتلىق دەرىخىگە ئېرىشكەندەك بولار.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن. شۇ چاغدا، قەلبىڭلار خۇشاللىققا چۆمىدۇ. خۇشاللىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ.
ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇ شېرىندۇر كىشىگە، يامانلىقىنى تاشلاش يىرگىنچلىكتۇر ھاماقەتكە.
دانالىقنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئۇ ھاياتلىق دەرىخىدۇر، دانالىقنى مەھكەم تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر.
ھەققانىيلىقىم بىلەن يۈزۈڭنى كۆرەرمەن، ئويغانغىنىمدا دىدارىڭغا قانارمەن.
ھاياتلىق دەرىخىدۇر ھەققانىينىڭ مېۋىسى، ئاقىلدۇر كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتقۇچى.
پەرياد چېكىپ ھالىم كەتتى، گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى، تەلمۈرۈپ خۇدايىمغا كۆزۈمنىڭ نۇرى كەتتى.
ماڭا تېزدىن جاۋابىڭنى بەرگىنە پەرۋەردىگار، بولمىسا ئۈمىدلىرىم بەربات بولۇپ ھالىم كېتەر، ئۆتۈنەي، دىدارىڭنى يوشۇرمىغىن مەندىن زىنھار. بولمىسا تېنىم مېنىڭ گۆردە بولار.
ئىسرائىل يۈسۈپكە: _ مەن سېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق! _ دېدى.
ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئاشىقىمنى كۆرسەڭلار ئېيتىپ قويۇڭلار، مېنى ئۇنىڭ ئىشقى ئوتىدا كاۋاپ دەڭلار.
شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقان بۇ دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئون ئىككى قېتىم مېۋىگە كىرىدىغان، يەنى ھەر ئايدا مېۋە بېرىدىغان ھاياتلىق دەرىخى بولۇپ، دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى پۈتكۈل خەلقلەرگە شىپا ئىدى.
مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت! غەلىبە قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ جەننىتىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.»
ئاسان ئېرىشكەن بايلىق بەرىكەتسىز بولار، مېھنەت قىلىپ تاپقىنى بەرىكەتلىك بولار.
خۇدانىڭ سۆزىگە سەل قارىغۇچى ئۆزىگە ھالاكەت كەلتۈرەر، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان تارتۇققا ئېرىشەر.
ئۇ ماڭا: _ سېنىڭ كېسىلىڭ يوق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا پەرىشان كۆرۈنىسەن؟ كۆڭلۈڭدە چوقۇم بىر ئىش بار، _ دېدى. مەن قاتتىق چۆچۈگەن ھالدا