11 ئاسان ئېرىشكەن بايلىق بەرىكەتسىز بولار، مېھنەت قىلىپ تاپقىنى بەرىكەتلىك بولار.
ئاسان ئېرىشكەن مىراس، ئاخىرىدا بەرىكەتلىك بولماس.
پايدا بەرمەس ھارام بايلىق، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار ھەققانىيلىق.
جازانىخورلۇق بىلەن بايلىقىنى كۆپەيتكەن كىشىنىڭ بايلىقى، كەمبەغەللەرگە ساخاۋەت قىلغۇچى ئۈچۈن قالار ئاخىرى.
ئاچكۆز ئالدىرار باي بولۇشقا، بىلمەي قالار ئۇ يوقسۇللۇق چۈشۈشىنى ئۆز بېشىغا.
ئېرىشەر مول بەرىكەتكە سادىق كىشى، جازاسىز قالماس بايلىققا ئېرىشىشكە ئالدىرىغۇچى.
ئوغرىلاپ كېلىنگەن تۇخۇمدىن تۆرەلگەن كەكلىك ئۇچۇپ كەتكەندەك، كىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن توپلىغان مال-دۇنيالىرى يوقىلىپ كېتىدۇ. ھايات مەزگىلىدە ئۇ مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىر ئەخمەق ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.»
بەرھەق، مېھنىتىڭلارنىڭ مېۋىسىنى يەيسىلەر، روناق تېپىپ، بەختىيار بولىسىلەر.
ئۇ يۇتۇۋالغان بايلىقلارنى قۇسۇپ چىقىرىدۇ، خۇدا ئۇنى تەتۈر ئۆرۈپ قورسىقىنى تۆكىدۇ.
ئۇلارنىڭ تىجارىتىنىڭ ساغلام بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، توپلىغان بايلىقلىرى يوقىلىپ، ئاخىردا بالىلىرىغا مىراس قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى قالمايدۇ.
چىقار پەقەت جېدەل-ماجىرا كىبىرلىكتىن، تېپىلار دانالىق نەسىھەت ئاڭلايدىغانلاردىن.
ئۇزاققا سوزۇلغان ئۈمىد كۆڭۈلنى يېرىم قىلار، ئارزۇسىغا يەتمەك خۇددى ھاياتلىق دەرىخىگە ئېرىشكەندەك بولار.
يالغان سۆزلەپ تاپقان بايلىقلار خۇددى، ئۇچۇپ كېتىدىغان تۈتۈن، ئەجەللىك تۇزاق كەبى.