1 دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار، مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھتىن ئۆزىنى تارتار.
رەت قىلار ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىنى، زېرەك بولار تەنبىھكە قۇلاق سالغۇچى.
شادلاندۇرار ئەقىللىق ئوغۇل ئاتىسىنى، كەمسىتەر ئەقىلسىز ئانىسىنى.
سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: دانا ئوغۇل شادلاندۇرار ئاتىسىنى، نادان ئوغۇل قايغۇغا سالار ئانىسىنى.
ئەگەر بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، خۇدا ئۇنىڭغا مۇرەسسەچى بولىدۇ. لېكىن بىر كىشى پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭغا كىممۇ مۇرەسسەچى بولالىسۇن؟ _ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى.
مازاق قىلغۇچىنىڭ دانالىقنى ئىزدىشى بىھۇدىدۇر، ئاقىلغا بىلىم ئېلىش ئاساندۇر.
مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھنى ياقتۇرماس، دانالارنىڭ ئالدىغا ئۇ بارماس.
يىھوشافات پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.
ئەي ئوغۇللىرىم، ئەمدى قۇلاق سېلىڭلار سۆزلىرىمگە، ئېتىبار بېرىڭلار دېگەنلىرىمگە.
ئەخمەقنىڭ يولى ئۆز نەزىرىدە توغرىدۇر، نەسىھەتكە قۇلاق سالغۇچى دانادۇر.