9 ئېتىبارسىز قارالسىمۇ چاكار ياللىغان كىشى، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ نانغا زار بولغۇچىدىن ياخشى.
چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.
بەزىلەر باي كۆرسىتەر ئۆزىنى، لېكىن بۇ قۇرۇق سۆلەتتۇر، بەزىلەر يوقسۇل كۆرسىتەر ئۆزىنى، ئەمما كاتتا بايلاردۇر.
«بۇ خەلق مېنى ئاغزىدىلا ھۆرمەتلەيدۇ، لېكىن قەلبى مەندىن يىراق.
ئەقىل-ئىدرىكىگە قاراپ ئادەم ماختاشقا سازاۋەر بولار، ئەگرى ئوي-پىكىرلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماي قالار.
ھەققانىي ئادەم ئۆز مال-ۋارىنىنى ئاسرىماي قالماس، يامان ئادەمنىڭ «رەھىمدىللىكى» زالىملىقتۇر خالاس.