6 قان تۆكىدىغان تۇزاقتۇر يامانلارنىڭ تىلى، ئادەمنى تۇزاقتىن قۇتقۇزار ھەققانىيلارنىڭ سۆزى.
توقماق بولار ئۆزىگە ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى، ئۆزىنى قوغدار ئاقىلنىڭ تىلى.
مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدىن رەزىل كىشىلەر چىقتى. ئۇلار قۇش ئوۋلىغۇچىلاردەك مۆكۈنۈپ ياتىدۇ. ئۇلار تۇزاقلارنى قۇرۇپ ئادەملەرنى تۇتىدۇ.
ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە تېز يۈگۈرەيدۇ، بىگۇناھلارنىڭ قانلىرىنى تېز ئاققۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ خىياللىرى رەزىللىككە تولغان بولۇپ، قەيەرگىلا بارسا ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشمە پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىشنى رىم قوماندانىدىن تەلەپ قىلىڭلار. بىز تەييار تۇرۇپ، ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىنىشتىن ئىلگىرىلا جايلىۋېتىمىز، - دېدى.
يېرۇسالېمغا ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى. چۈنكى، ئۇلار يول ئۈستىدە پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەنىدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە، بەزى يەھۇدىيلار مەخپىي سۇيىقەست پىلانلاپ، پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشتى.
ھەققانىيلارنىڭ ئويلىرى ئادىللىقتۇر، يامانلارنىڭ مەسلىھىتى مەككارلىقتۇر.