3 ئادەم يامانلىق قىلىپ ئامان بولماس، ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى قومۇرۇلماس.
قۇيۇندىن كېيىن يامان ئادەم يوقىلار، ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەك مەزمۇت قالار.
شۇنداق قىلىپ، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ھەر دائىم قەلبىڭلاردا بولغاي، ھاياتىڭلار خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە يىلتىز تارتىپ، مۇستەھكەملەنگەي.
كۆز قىزارتار رەزىلنىڭ ئولجىسىغا يامانلار، يىلتىز تارتىپ مېۋە بېرەر ھەققانىيلار.
ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىڭلار چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخكە ۋە پۇختا قۇرۇلغان بىناغا ئوخشاش مۇستەھكەم بولسۇن. سىلەرگە تاپشۇرۇلغان ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار. قەلبىڭلار خۇداغا بولغان مىننەتدارلىق بىلەن تولسۇن.
جازانىغا پۇل قەرز بەرمەيدىغانلار، پارا يەپ بىگۇناھقا زىيان سالمايدىغانلار، مەڭگۈ تەۋرەنمەستۇر مانا بۇلار.
ئەقلىڭىز ئۈچۈن ۋە مېنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆچ ئېلىپ، بىگۇناھ قان تۆكۈشۈمدىن ساقلاپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن، خۇدا سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي!
ئۇلار ئەمدى باياشات ياشىيالمايدۇ، بايلىقى ئۇلاردىن تارتىۋېلىنىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە سايىسىمۇ قالمايدۇ.
دىيانەتلىك كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلار، يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.
شامالنى بويسۇندۇرغىلى بولمىغاندەك، ئۆلۈمنىمۇ بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ. لەشكەرلەر ئۇرۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغاندەك، رەزىللەر رەزىللىكتىن قۇتۇلالمايدۇ.