11 يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق. قۇرۇق خىيال سۈرگەننىڭ ئەقلى يوق.
يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق بولار. قۇرۇق خىيال سۈرگەن تولىمۇ يوقسۇللۇققا قالار.
كېلەر ھەربىر مېھنەتتىن پايدا، قالدۇرار قۇرۇق پاراڭ ئادەمنى موھتاجلىقتا.
بەرھەق، مېھنىتىڭلارنىڭ مېۋىسىنى يەيسىلەر، روناق تېپىپ، بەختىيار بولىسىلەر.
بۇرۇن ئوغرىلىق قىلغانلار ئەمدى ئوغرىلىق قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلىسۇن. تاپقىنىدىن ھاجەتمەنلەرگە ئۈلەشتۈرسۇن.
ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمىگەنىدۇق. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، تىرىشىپ-تىرمىشىپ، كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلىگەنىدۇق.
نادانلىق يولىنى تاشلاڭلار، بەختلىك ياشايسىلەر شۇندا، مېڭىڭلار ئاقىللىق يولىدا».
ئۆكۈزۈڭ بولمىغاندا ئوقۇر قۇرۇق تۇرار، لېكىن ئۆكۈزنىڭ كۈچى بىلەن مول ھوسۇل بولار.
ساددا ياشلار ئارا بىر ئەقىلسىز يىگىتنى كۆرۈپ قالدىم.
دانالار بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار، ھاماقەتلەرگە ھەمراھ بولغان زىيانغا ئۇچرار.
باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىر نەرسىگە ئىگە بولىسەن، تاكى سەن ئۆلۈپ تېنىڭ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. تۇپراقتىن يارىتىلدىڭ ۋە تۇپراققا قايتىسەن!»
ئەمما ئۆزگىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغۇچى، يوقتۇر ئەقلى، ھالاك قىلىدۇ ئۆز ئۆزىنى.
«ئەي ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار!» دەپ چاقىردى، ئەقىلسىزلەرگە ھەم مۇنداق ئېيتتى:
نادانلىق ئوخشار بىشەم ۋە ھېچنېمىگە قارىمايدىغان كالۋا خوتۇنغا،
شېرىك ئەمەسمەن يالغانچىلارغا، ئارىلاشمايمەن ساختىپەزلەرگە.
ئۇلار ئابىمەلەككە بائال-بىرىت بۇتخانىسىدىن 70 كۈمۈش تەڭگە بەردى. ئابىمەلەك بۇ تەڭگىلەرنى بىر توپ چاكىنا ئۆكتەملەرنى ياللاشقا ئىشلەتتى.
ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭنى رەت قىلار.
يېتەرلىك بولار سۈتى ئۆچكىلەرنىڭ، ئوزۇقىغا سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ، تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ھەم دېدەكلىرىڭنىڭ.
يوقسۇلنىڭ بوز يېرى تېرىلىشى بىلەن مول ھوسۇل بېرەر، بىراق ئادالەتسىزلىك تۈپەيلىدىن تارتىۋېلىنار.
ئامراق بولما ئۇيقۇغا، بولمىسا نامراتلىقتا قالىسەن، تىرىشساڭ ئۇيقۇڭنى ئېچىپ، مول نېمەتكە تويىسەن.