1 تەربىيىنى سۆيگەن بىلىمنى سۆيگۈچىدۇر. تەنبىھنى ئۆچ كۆرگەن ھاماقەتتۇر.
دۇچ كېلەر قاتتىق جازاغا توغرا يولنى تاشلىغۇچى، ھالاك بولار تەنبىھىنى رەت قىلغۇچى.
توپتىن ئايرىلغان ئويلار ھامان ئۆزىنىلا، قارشى چىقار ئۇ ھەرقانداق دانالىققا.
تۆۋەندىكى ھەقىقەتنى بىلمەس نادان ئادەملەر، چۈشەنمەيدۇ ئۇنى يەنە ھاماقەت ۋە ئەخمەقلەر.
ئات ياكى قېچىردەك ئاڭسىز بولما، قامچا، يۈگەن بولمىسا بويسۇنماس ئۇلار ساڭا.
ھەمدە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار مەڭگۈ ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇلۇشقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدۇ.
سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،
ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئوغۇللار، نەقەدەر بەختلىكتۇر يولۇمنى تۇتقانلار!
ئۆكۈز ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەك ئوقۇرىنى بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىللار مېنى تونۇمايدۇ، خەلقىم مېنىڭ ئۆزلىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىمنى چۈشەنمەيدۇ!»
تەلىمىڭنى چۈشىنىشكە قادىر قىل مېنى، شۇندا خىيال قىلالايمەن كارامەت ئىشلىرىڭنى.
ئۆچ كۆرىدىغان تۇرساڭ تەلىملىرىمنى، رەت قىلىدىغان تۇرساڭ سۆزلىرىمنى.
ئۆزى زىيان تارتار مېنى قولدىن بېرىپ قويغانلار، ئۆلۈمنى ياخشى كۆرگەنلەردۇر مېنى يامان كۆرگەنلەر.
سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا جازالانغان تۇرسا ھەققانىيلار، يامانلار بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟
ياخشى ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتىگە مۇيەسسەر بولار، بەتنىيەت ئادەمنى پەرۋەردىگار جازاغا ھۆكۈم قىلار.
ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ نادىنى مەن ئىكەنمەن، ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقىل مەندە يوق ئىكەن،
روھانىي ئۇنىڭ تېرىسىدە ئاق ئىششىق، تۈكلىرى ئاقىرىپ كېتىش ۋە جاراھىتى ئېچىلىپ قېلىش ئالامەتلىرىنى بايقىسا،
مېنى ئۇرسا ھەققانىي، ئۇ بەرگەندەك بولار ماڭا مېھرىنى، تەنبىھلىرى بىلىنەر بېشىمغا ئېسىل ماينى قۇيغاندەك، تەنبىھىنى رەت قىلىپ چايقىمايمەن بېشىمنى، بولساممۇ گەر كۈلپەتتە توختاتماسمەن يەنىلا دۇئايىمنى.
قەلبىدە دانالىق بولغان نەسىھەتنى قوبۇل قىلار، ئەخمەقلەرچە سۆزلىگەن بالاغا قالار.