8 ھەققانىي كىشى كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرۇلار، يامان ئادەم ئەكسىچە كۈلپەتكە دۇچار بولار.
ئۆزىگە قايتار رەزىلنىڭ ھەققانىيغا پىلانلىغان يامانلىقى، ۋاپاسىزنىڭ دۇرۇسقا قىلغان يامان نىيىتى.
ئۆلسە يامان ئادەم، ئارزۇسى يوققا چىقار، باي بولۇش ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلىنار.
خۇداسىزلار يېقىنىنى تىلى بىلەن ھالاك قىلار، ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار.
يامان كىشى ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار، ھەققانىي ئادەم مۈشكۈللۈكتىن قۇتۇلار.
پەرۋەردىگار نىجاتلىق بېرەر ھەققانىيلارغا، باشپاناھ بولار ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارغا.
پادىشاھ دارىئوس يەر يۈزىدىكى ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەرگە مەكتۇپ يوللاپ مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارغا ئامانلىق تىلەيمەن!