6 دۇرۇسلارنى ھەققانىيلىقى قۇتقۇزار، ساتقۇنلار ئۆز نەپسىدىن تۇتۇلار.
كىم ئورا كولىسا ئورىغا ئۆزى چۈشىدۇ، كىم تامنى يىقىتسا ئۇنى يىلان چاقىدۇ.
چۈشۈرىدۇ ياماننىڭ قىلمىشلىرى ئۆزىنى تۇزاققا. ئىلىنىدۇ ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا.
پادىشاھ شىمئىغا يەنە: _ ئاتام داۋۇتقا قىلغان يامانلىقىڭ ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلىگە ئايان. شۇڭا پەرۋەردىگار سېنىڭ قىلغان يامانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرىدۇ.
پۈتۈن يۈك-تاقلىرىمنى ئاختۇرۇپ چىقتىڭىز، زادى بىرەر نەرسىڭىزنى تاپالىدىڭىزمۇ؟ تاپالىغان بولسىڭىز، قېنى ئۇنى چىقىرىپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىڭ، ئارىمىزدىكى بۇ ئىشقا ئۇلار ھۆكۈم چىقارسۇن.
ئەگەر سىز كېيىن ماڭا ئىش ھەققى سۈپىتىدە بەرگەن قوي، ئۆچكىلەرنى تەكشۈرگىنىڭىزدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تاغىل ۋە چىپار بولمىغان ئۆچكە ياكى قارا بولمىغان قويلارنى بايقىسىڭىز، ئۇلارنى ئوغرىلاپ كېلىنگەن دەپ بىلىڭ. سىز بۇنىڭدىن مېنىڭ سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىمنى بىلىسىز.
بۇ چاغدا ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ، بېشىغا بالا-قازا كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئالاقزادە بولۇشتى.
يات ئەللەر چۈشتى ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا، پۇتلىرى ئىلىنىپ قالدى يوشۇرۇپ قويغان تۇزاققا.
خۇداسىزلار يېقىنىنى تىلى بىلەن ھالاك قىلار، ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار.