3 يېتەكلەر دۇرۇسلارنى دىيانەتلىكى، ۋەيران قىلار كاززاپلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكى.
ئادىللىق قوغدار ھەققانىينى، رەزىللىك يىقىتار گۇناھكارنى.
قۇتقۇزۇلار دىيانەت يولىدا ماڭغان، تويۇقسىز يىقىلار ئەگرى يولدا ماڭغان.
ئادەمنىڭ نادانلىقى ھايات يولىنى نابۇت قىلار، ئۇ كۆڭلىدە يەنىلا پەرۋەردىگاردىن خاپا بولار.
ئى پەرۋەردىگار، ئاقلىغىن مېنى، ساقلاپ كەلدىم دىيانىتىمنى، تايانچىم قىلدىم پەقەت سېنى.
دىيانەتلىك، دۇرۇسلۇق قوغدىغاي مېنى، چۈنكى، ساڭا باغلىدىم ئۈمىدىمنى.
خۇداغا چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلىشنى خالايدىغان كىشى بۇ تەلىملەرنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلەلەيدۇ.
يامانلىق قىلىشقا بېرىلىپ كەتمە، نادانلىقمۇ قىلما، ئەجىلىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈشۈڭنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟
دىيانەتلىك كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلار، يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.
بىراق خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ۋە گۇناھكارلار بىرلىكتە ھالاك قىلىنىدۇ، پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكۈچىلەر يوقىتىلىدۇ.
ئۆز بېشىغا چىقار يامانلارنىڭ زالىملىقى، چۈنكى رەت قىلار ئادالەت يولىدا مېڭىشنى.
لېكىن ئۇ يەردىن تارمار قىلىنار يامانلىق قىلغۇچىلار. يۇلۇپ تاشلىنار ۋاپاسىزلار.
قوغدار پەرۋەردىگار ھەقىقەتنى، يوققا چىقىرار ۋاپاسىزنىڭ سۆزلىرىنى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە مىديانلارنىڭ ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق بەش پادىشاھىمۇ بار ئىدى. ئۇلار يەنە بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىمۇ ئۆلتۈردى.