Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 11:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئەل-يۇرت شاد بولار، ھەققانىيلار روناق تاپسا، تەنتەنە قىلار، يامانلار ھالاك بولسا.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 11:10
14 Referans Kwoze  

جاھاننى قاپلار تەنتەنە ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتسا، ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرار يامانلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە.


ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭ شۇ تەرىقىدە يوقالغاي! دوستلىرىڭ كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك قۇدرەتكە تولغاي!» شۇنداق قىلىپ بۇ زېمىن 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.


يامانلار ھوقۇق تۇتسا، ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرار، ئۇلار زاۋال تاپسا، ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتار.


دەھشەتلىك بوران ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ، پۇشتەك چېلىپ ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.»


مەريەم خۇدانى مەدھىيەلەپ، ئۇلارغا مۇنداق مۇناجات ئوقۇدى: «ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.»


پۈتۈن خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، شەھەر خاتىرجەم بولدى. چۈنكى ئاتاليا ئوردىنىڭ ئالدىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.


ئەل-يۇرت گۈللەپ ياشىنار دۇرۇسلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرىدىن، خاراب بولار يامانلارنىڭ تىلىدىن.


پۇقرا شادلىنار ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتسا، نالە-پەرياد كۆتۈرەر رەزىللەر ھۆكۈم سۈرسە.


شۇ چاغدا يوئاش ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «پادىشاھ تۈۋرۈكى»نىڭ يېنىدا، يۈزبېشىلار ۋە كانايچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئاتاليا خەلقنىڭ خۇشاللىققا چۆمۈپ، كاناي چېلىۋاتقانلىقىنى ۋە نەغمىچىلەرنىڭ مۇزىكا چېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى ۋە «ئاسىيلىق، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى.


پۈتۈن خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، شەھەر خاتىرجەم بولدى. چۈنكى ئاتاليا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.


ئۇ ۋاقىتتا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار بابىلنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىدۇ. چۈنكى شىمالدىن ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite