Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 10:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 دىيانەت يولىدا ماڭغاننىڭ قەدىمى بىخەتەردۇر، ئەگرى يولدا يۈرگەننىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتامدۇر.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 10:9
17 Referans Kwoze  

قۇتقۇزۇلار دىيانەت يولىدا ماڭغان، تويۇقسىز يىقىلار ئەگرى يولدا ماڭغان.


بىراق، بۇنداقلاردىن قورقماڭلار. چاۋىسى چىتقا يېيىلمايدىغان ھېچقانداق يوشۇرۇن ئىش، ئاشكارىلانمايدىغان ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوقتۇر.


خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بەزى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىنىمۇ ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن، بەزى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتى بولسا كېيىن مەلۇم بولىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


شۇ چاغ يولۇڭدا يۈرىسەن تىنچ-ئامان، پۇتلىشىپ كەتمەيسەن ھېچقاچان.


بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.


دىيانەتلىك، دۇرۇسلۇق قوغدىغاي مېنى، چۈنكى، ساڭا باغلىدىم ئۈمىدىمنى.


كۆرمەس ياخشىلىق نىيىتى يامان، تارتار ھىيلە-مىكىرلىك تىل زىيان.


ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن، ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن، ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن.


ئۆچمەنلىكىنى ئۇ ھىيلىگەرلىك بىلەن ياپار، لېكىن ئۇنىڭ رەزىللىكى جامائەت ئالدىدا ئاشكارا بولار.


ئىبرام 99 ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بولغىن.


بەرھەق، خۇدا دۇرۇس ئادەملەرنى تاشلىمايدۇ، رەزىللەرنى يۆلىمەيدۇ.


قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار، شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite