Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 10:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ھەققانىيلار مۇبارەك ئەسلىمىلەر قالدۇرار. يامانلارنىڭ نامى تېزلا ئۇنتۇلۇپ قالار.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 10:7
20 Referans Kwoze  

ھەققانىيلار ئەبەدىي مەغلۇپ بولماس، ھەققانىيلار مەڭگۈگە ئۇنتۇلماس.


ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك، دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى،


بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇش خەۋەر دۇنيانىڭ قەيېرىدە يەتكۈزۈلسە، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى تىلغا ئېلىنىدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.


قۇرۇتۇلۇپ ئۇنىڭ نەسلى، قالمىسۇن كېيىنكى ئەۋلادلىرى.


ئۇ «داۋۇت شەھىرى»دىكى پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن، شۇنداقلا خۇدا ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانىدى.


خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن دائىم گۇناھلىرى، يەر يۈزىدىن يوق قىلسۇن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىنى.


ئۇلار دۇنيادىن نام-نىشانسىز غايىب بولىدۇ، ئىسمى ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ.


مەن ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغدايمەن، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالىمەن».


لېكىن مەن سۇلايماننىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنىڭ زېمىنىنى قالدۇرۇپ، ماڭا ئىبادەت قىلىشقا تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويمايمەن.


مەن يەنە رەزىل ئادەملەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا مۇقەددەس جايغا كىرىپ-چىقىۋاتقانلىقىنى، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى رەزىل ئىش قىلغان شۇ شەھەردە ماختاشقا سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەندىن كېيىن ھۆرمەت بىلەن يەرگە كۆمۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر.


دەھشەتلىك بوران ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ، پۇشتەك چېلىپ ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.»


ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈمىدى. سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ. سەندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر خۇددى ئىسىملىرى چاڭ-توزانغا يېزىلغاندەك يوقىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقى بولغان سەندىن ۋاز كەچكەندۇر.


خىزكىيا ۋاپات بولۇپ، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە دەپنە قىلىندى. يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ھازا تۇتتى. ئوغلى ماناسسە تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


ئۇلارنى تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇيدۇ، تېنى قۇرتلارغا يەم بولىدۇ. ئۇلارنى ئەسلەيدىغان ھېچكىم قالمايدۇ، رەزىللەر خۇددى قۇرۇپ كەتكەن دەرەختەك سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ.


يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن، يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن.


ئەۋزەلدۇر ياخشى نام زور بايلىقتىن، چوڭقۇر ھۆرمەت ئالتۇن-كۈمۈشتىن.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنىڭ نامىنى، قېپقالغان خەلقىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى يوقىتىمەن.» بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


قۇلاق سالار پەرۋەردىگار نالە قىلسا ھەققانىيلار، ئۇلارنى بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرار.


رەھىمسىز دۈشمەنلىرىم قارغار مېنى: «تېزراق ئۆلۈپ ئۇ، ئۆچسۇن نامى.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite