Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 10:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئاچ قويماس خۇدا ھەققانىيلارنى، ئەمەلگە ئاشۇرماس يامانلارنىڭ ئارزۇسىنى.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 10:3
23 Referans Kwoze  

ياش ئىدىم مەن، قېرىدىم ئەمدى، كۆرمىدىم ھېچ خۇدانىڭ ھەققانىي ئادەمنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى.


ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا، تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا.


پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى پۈتۈن زېمىننى كۆيدۈرۈپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنى دەھشەتلىك ھالدا ھالاك قىلىدۇ.


يەرگە قاراپ قالماس ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە، توق يۈرۈيدۇ قەھەتچىلىكتە.


قۇتقۇزىدۇ ئۇلارنى ئۆلۈمدىن، ساقلايدۇ ئاچارچىلىقتىن.


ئاچارچىلىقتا ئۇ سېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدۇ. ئۇرۇشتا سېنى قىلىچنىڭ زەربىسىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.


مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ، قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ.


يامان يامانلىقى تۈپەيلىدىن يىقىلار، ھەققانىي سەكراتتا ياتقاندىمۇ باشپاناھىغا ئۆزىنى تاپشۇرار.


بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ رەزىللەر، ئاچچىقىدا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەر، زەئىپلىشىپ ئۈمىدلىرى ئۈزۈلەر.


خۇدانىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى كەلكۈن ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلىدۇ.


بىلىمىز، كۆرۈپ تۇرىسەن بۇلارنى، ئۇلارنىڭ زەھەرخەندە، زۇلۇملىرىغا تاشلاپ تۇرۇۋاتىسەن نەزىرىڭنى، ئالىسەن يامانلارنى ھامان ئالىقىنىڭغا. پاناھسىزلار ئۆزلىرىنى تاپشۇرار ساڭا، ياردەم قىلغۇچىسەن يېتىم-يېسىرلارغا.


ھەققانىي ئادەم تويغۇچە غىزالىنار، ياماننىڭ قورسىقى ئاچلىقتا تارتىشار.


پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە كىمكى قۇلاق سالمىسا، ئۇنىڭ دۇئالىرىمۇ يىرگىنچلىكتۇر ھەتتا.


جېدەل-ماجىرا تېرار ئاچكۆزلۈك قىلغان، راۋاج تاپار پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلىغان.


ئۇلار سەرسان بولۇپ، يېمەكلىككە زار بولىدۇ، زۇلمەتلىك كۈنلەرنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى تۇيىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite