13 ئاقىلنىڭ لەۋلىرىدىن دانالىق تامار، ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە دەررە تەييار تۇرار.
ياراشقاندەك قامچا ئاتقا، نوختا ئېشەككە، يارىشار دەررە ئەخمەقنىڭ دۈمبىسىگە.
ئەمما ئۆزگىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغۇچى، يوقتۇر ئەقلى، ھالاك قىلىدۇ ئۆز ئۆزىنى.
ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئەقىل-پاراسەت بېرىپ، چارچىغانلارغا قانداق سۆزلەر بىلەن مەدەت بېرىشنى ئۆگەتتى. ھەر كۈنى سەھەردە ئىگەم مېنى ئويغىتىدۇ، مېنى شاگىرتقا ئوخشاش دىققەت بىلەن ئاڭلىسۇن دەپ، قۇلاقلىرىمنى ئاچتى.
سوقساڭمۇ بۇغداي سوققاندەك ئەخمەقنى، ئايرىلماس يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەخمەقلىقى.
ئالتۇنمۇ بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر، بىراق دانا سۆز بولسا تېپىلغۇسىز گۆھەردۇر!
تەيياردۇر مازاق قىلغۇچىلارغا جازا، ھاماقەتلەرنىڭ دۈمبىسىگە قامچا.
بېرىلگەن بىر ئېغىز تەنبىھ داناغا، ئۈنۈملۈك بولار ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن نادانغا.
جايىدا بېرىلگەن جاۋاب كىشىنى خۇش قىلۇر، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر!
بىلىم تارقىتار دانانىڭ تىلى، ئۇنىڭغا ئوخشىماس ئەقىلسىزنىڭ دىلى.
ھەققانىينىڭ ئاغزىدىن دانالىق تۆكۈلەر، يالغان سۆزلەيدىغان تىل كېسىلەر.
ھەققانىينىڭ سۆزى كۆپكە ئوزۇق بولار، ئەخمەقلەر ئەقىلسىزلىقىدىن ھالاك بولار.
ئات ياكى قېچىردەك ئاڭسىز بولما، قامچا، يۈگەن بولمىسا بويسۇنماس ئۇلار ساڭا.
بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. بىراق، بەزىلەر: - قانداق گەپ؟ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.
ياش يىگىت ئۇ ئايالغا ئويلىمايلا ئەگەشتى، قۇشخانىغا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈز كەبى، قاپقانغا چۈشۈش ئالدىدىكى بۇغا كەبى،
شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا: _ چېكەتكە پەيدا قىلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قولۇڭنى ئۇزات! چېكەتكىلەر مىسىر تەۋەسىدە مۆلدۈردىن ئامان قالغان ھەممە ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ تۈگەتسۇن، _ دېدى.
ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرى دانا بولۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادىل بولۇر.
كۆڭلىگە دانالىق ئورنىغۇچى پاراسەتلىك دەپ ئاتىلار، يېقىملىق سۆزلەر تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولار.