8 ئەي ئوغلۇم، تەربىيىسىگە قۇلاق سال ئاتاڭنىڭ، تەلىمىگە بىپەرۋالىق قىلما ئاناڭنىڭ.
ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل بۇيرۇقىغا ئاتاڭنىڭ، چىقما تەلىمىدىن ئاناڭنىڭ.
چوقۇلار جىلغىدىكى قاغىلار ياكى يەۋېتەر بۈركۈتنىڭ بالىلىرى، ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىپ، ئانىسىنى كەمسىتكۈچىنىڭ كۆزىنى.
ئەي ئوغلۇم، ئەگەر قوبۇل قىلساڭ سۆزلىرىمنى، قەلبىڭدە ساقلىساڭ بۇيرۇقلىرىمنى،
ماسسا پادىشاھى لىمۇئېلنىڭ ئېيتقانلىرى، ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆگەتكەنلىرى:
ئەي ئوغلۇم، ئەگەر سېنى گۇناھكارلار ئازدۇرسا، ئەگەشمىگىن ئۇلارغا.
ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. مېنىڭ دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
سېنىڭ سەمىمىي ئېتىقادىڭ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئەڭ ئاۋۋال موماڭ لوئىدە ۋە ئاناڭ ئەۋنىكىدە بار بولغان ئېتىقادنىڭ ئەمدى سەندىمۇ بار ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل سۆزلىرىمگە، بۇيرۇقلىرىمنى قەدىرلە.
ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.
ئەي ئوغلۇم، يولىغا كىرمە ئۇلارنىڭ، باسما بىر قەدەممۇ.
ئەگەر بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، خۇدا ئۇنىڭغا مۇرەسسەچى بولىدۇ. لېكىن بىر كىشى پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭغا كىممۇ مۇرەسسەچى بولالىسۇن؟ _ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى.
ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ: - قىزىم، خاتىرجەم بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! - دېيىشىگىلا، ھېلىقى ئايال ساقىيىپ كەتتى.
كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە: - ئوغلۇم، خاتىرجەم بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، - دېدى.
ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟
ئاڭلا سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى، كەمسىتمە ئاناڭ ياشانغاندا ئۇنى.
بىز ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز، ئوغۇل-قىزلىرىمىز، ئەجدادىمىز رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ بىزگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشلىرىغا بويسۇنۇپ كەلدۇق. بىز ئەزەلدىن شاراب ئىچىپ باقمىدۇق.
شۇنىڭ بىلەن رۇت خامانغا بېرىپ، قېيىنانىسىنىڭ دېگىنىدەك قىلدى.