Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 1:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئەخمەقلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىنى كەمسىتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 1:7
16 Referans Kwoze  

خۇدا ئىنسانلارغا شۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك دانالىقتۇر، رەزىللىكتىن يىراق تۇرۇش ئەقىل-پاراسەتتۇر.»


دانالىق پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىكتىن باشلىنۇر، ئەمرىگە ئەمەل قىلغۇچىلار ھېكمەتلىك بولۇر. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەمدۇسانالار مەڭگۈلۈك بولۇر.


ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم: خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، مانا بۇلار ئىنسان ھاياتىغا ھەقىقىي مەنە بېرىدۇ.


پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر. بىردىنبىر مۇقەددەس بولغۇچىنى بىلىشنىڭ ئۆزى ئەقىل-ئىدراكتۇر.


پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر، ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ ئالدىدا كىچىك پېئىللىق يۈرەر.


ئەخمەق قىزىقماس ئەقىل-ئىدراكقا، پەقەت قىزىقار ئوي-پىكىرلىرىنى ئېيتىشقا.


_ ئەي نادانلار، قاچانغىچە نادانلىقتا يۈرىسىلەر؟ ئەي مازاقچىلار، قاچانغىچە مازاق قىلىشتىن ھۇزۇر ئالىسىلەر؟ ئەي ئەقىلسىزلەر، قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلىنىسىلەر؟


ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى.


رەت قىلار ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىنى، زېرەك بولار تەنبىھكە قۇلاق سالغۇچى.


سىلەر بۇ قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، يات ئەللەرمۇ سىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى بىلىپ يېتىدۇ. ئۇلار بۇ قانۇن-نىزاملارنى ئاڭلاپ: «بۇ ئۇلۇغ خەلق ھەقىقەتەن ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەن» دېيىشىدۇ.


شۇ چاغدا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى بىلىسەن، خۇدانى ھەقىقەتەن تونۇيالايسەن.


تەربىيىنى رەت قىلغان ئۆزىنى خار قىلار، تەنبىھكە قۇلاق سالغان ئەقىل تاپار.


ئەخمەققە سۆزلەپ ئاۋارە قىلما ئۆزۈڭنى، چۈنكى كۆزگە ئىلماس ئۇ ئاقىلانە سۆزلىرىڭنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite