4 چېچەن قىلار گول ئادەملەرنى، بىلىملىك ۋە پەم-پاراسەتلىك قىلار ياشلارنى.
ئەي گول ئادەملەر، ئۆگىنىڭلار زېرەكلىكنى، ئەي نادانلار، ئۆگىنىڭلار ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىشنى.
سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،
ياش يىگىت قانداق قىلىپ پاك يولدا ماڭالار؟ ئۇ پەقەت كالامىڭغا ئەمەل قىلغاندا بولار.
ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئوغۇللار، نەقەدەر بەختلىكتۇر يولۇمنى تۇتقانلار!
مەن دانالىقمەن، ئەقىل-ئىدراك بىلەن بىللە ياشايمەن. بىلىم ۋە پەم-پاراسەتنىڭ ئىگىسىمەن.
كالامىڭنىڭ مەنىسى يېشىلگەندە، نۇر چاچار يولىمىزغا، ئەقىل-ئىدراك بېرەر ئۇ ساددا ئىنسانلارغا.
ياش ئەرلەرنىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولۇشقا چاقىرغىن.
شۇڭا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى تارت. پاك قەلب بىلەن رەببىمىزنى چاقىرغان باشقا كىشىلەر بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقنى ئىزدە.
زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ، بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ. ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ، بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ. ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.
ئەي ئوغلۇم، چىڭ تۇت دانالىق ۋە پەم-پاراسەتنى، كۆز ئالدىڭدىن ھەرگىز يوقاتما ئۇلارنى.
كېلىڭلار ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىشنى ئۆگىتەي سىلەرگە.
مۇكەممەلدۇر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى، يېڭىلار ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى، ئىشەنچلىكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ پەرزلىرى، دانا قىلار نادانلارنى.
ئەي ياش، ياشلىقىڭنى خۇشال ئۆتكۈز! ياشلىقىڭنىڭ ھەربىر مىنۇتىدىن ھۇزۇرلان! كۆڭلۈڭ تارتقان، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىل. لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا قىلغان ھەربىر ئىشلىرىڭغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
پەرۋەردىگار پاناھىدا ساقلايدۇ پاناھسىزنى، ئۇ بېشىمغا كۈن چۈشكەندە قۇتقۇزدى مېنى.
سىلەر بۇ قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، يات ئەللەرمۇ سىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى بىلىپ يېتىدۇ. ئۇلار بۇ قانۇن-نىزاملارنى ئاڭلاپ: «بۇ ئۇلۇغ خەلق ھەقىقەتەن ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەن» دېيىشىدۇ.