16 چۈنكى ئېتىشىدۇ ئۇلار ئۆزلىرىنى يامانلىققا، ئالدىرىشىدۇ ھەم قان تۆكۈشكە.
ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە تېز يۈگۈرەيدۇ، بىگۇناھلارنىڭ قانلىرىنى تېز ئاققۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ خىياللىرى رەزىللىككە تولغان بولۇپ، قەيەرگىلا بارسا ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىققا يۈگۈرىدىغان پۇت،
چۈنكى ئۇخلىيالماس ئۇلار يامانلىق قىلمىغىچە، ئۇيقۇسى كەلمەس بىرەرسىنى يىقىتمىغىچە.
لېكىن، بىز يەھۇدىيلارنىڭ ئادالەتسىزلىكى خۇدانىڭ ئادىللىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىزنى جازالىسا، ئۇنى ئادىل ئەمەس، دېسەك بولامدۇ؟ (بەزىلەر شۇنداق دەپ، ئويلاپ يۈرىدىكەن!)
شۇ چاغدا سائۇل داۋۇتقا نەيزە سانجىپ، ئۇنى تامغا مىخلاپ قويماقچى بولدى. داۋۇت ئۆزىنى چەتكە ئالدى، نەيزە بولسا تامغا كىرىپ كەتتى. داۋۇت شۇ كۈنى كېچىدە ئۆيىگە قېچىپ كەتتى.
قۇش تۇيۇپ قالغاندا تور يېيىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر،
ئۇلار بولسىمۇ تەكەببۇر قارايدىغان كۆز، يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان قول،
قان تۆكىدىغان تۇزاقتۇر يامانلارنىڭ تىلى، ئادەمنى تۇزاقتىن قۇتقۇزار ھەققانىيلارنىڭ سۆزى.
بىز ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى. ئاندىن ئۆلۈكىنى سۈيى قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ، يىرتقۇچ ھايۋان يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. قېنى، ئۇنىڭ چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىنى بىر كۆرەيلى، _ دېيىشتى.