13 تارتىپ ئالايلى شۇ چاغ خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنيانى، ئالغان ئولجا بىلەن تولدۇرايلى ئۆيلىرىمىزنى.
كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە: - ھەر خىل ئاچكۆزلۈكتىن پەخەس بولۇڭلار ۋە ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، - دېدى
بۇ ئىبادەتخانىنىڭ كەلگۈسى بۇرۇنقىدىنمۇ پارلاق بولىدۇ. مەن بۇ يەردە ئۇلارغا تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن! بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر!»
شىر كۈچۈكلىرىگە ئولجىلارنى يېتەرلىك پارچىلاپ، تىتىپ بېرەتتى، چىشى شىر ئۈچۈن تىرىك ئولجىنى بوغۇپ ئۆلتۈرەتتى، ئۆڭكۈرى ئولجا بىلەن توشۇپ كېتەتتى. ئۇۋىسىغا گۆش پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ كېتەتتى.
ھارام مال-دۇنياغا ھېرىس ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئالىدۇ بۇ ھارام مال-دۇنيا ئۇلارنىڭ جېنىنى.
ئۆلۈكلەر ماكانىدەك تىرىك يۇتايلى بىز گۇناھسىزلارنى، گۆرگە چۈشۈپ كەتكەندەك يوقىتايلى ئۇ ساغلام ئادەملەرنى.
بىزگە شېرىك بول، تاپقىنىمىز ئورتاق بولسۇن» دېسىمۇ،
تەكەببۇرلار بىلەن ھارام ئولجا بۆلۈشكەندىن كۆرە، ياشاش ئەۋزەلدۇر كەمتەر بولۇپ ئېزىلگەنلەر بىلەن بىللە.
ئاشدود ۋە مىسىر ئوردىسىدىكىلەرگە: «سىلەر سامارىيەدىكى تاغلارغا يىغىلىپ، ئۇ يەردىكى قالايمىقانچىلىق ۋە زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» دەپ جاكارلانسۇن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ خەلقىم ھەق ئىش قىلىشنى بىلمىدى. ئۇلار سارايلىرىنى زومىگەرلىك بىلەن ئېرىشكەن بايلىقلار بىلەن تولدۇردى.»