12 ئۆلۈكلەر ماكانىدەك تىرىك يۇتايلى بىز گۇناھسىزلارنى، گۆرگە چۈشۈپ كەتكەندەك يوقىتايلى ئۇ ساغلام ئادەملەرنى.
ئى پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىمەن ساڭا، ئى قورام تېشىم، قۇلاق سالماي قويمىغىن ماڭا. ئەگەر جىم تۇرۇۋېلىپ بەرمىسەڭ جاۋاب، قالارمەن گويا گۆردىكى مۇردىغا ئوخشاپ.
«ئېغىزلىرىدىكى گەپ ئوچۇق قەبرىدەك سېسىق، كاززاپلىق قىلىدۇ ھەم تىللىرى. لەۋلىرى خۇددى يىلاننىڭ زەھەرخەندىسى.»
دۈشمەنلەر ئۈستۈڭدىن كۈلۈشۈپ، مەسخىرە قىلار سېنى. ئۇلار چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ دېيىشەر: «ۋەيران قىلدۇق بىز ئۇنى، بەرھەق، بۇ ھەقىقەتەن بىز كۈتكەن كۈن ئىدى، ئاخىر كۆردۇق بىز كۈتكەن بۇ كۈننى!»
ئىگىمىز دۈشمەن كەبى ۋەيران قىلدى ئىسرائىلىيەنى، ۋەيران قىلىپ سارايلارنى، تۈزلىۋەتتى قەلئەلەرنى، يەھۇدىيە خەلقى توختىتالماس ماتەم يىغىسىنى.
بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، يالماپ يۇتقانىدى. ئۇ شەھىرىمىزنى بۇلاپ، قۇرۇق ئىدىشتەك قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خۇددى غايەت چوڭ بىر مەخلۇقتەك بىزنى يۇتۇپ، قورسىقىنى ئەڭ ئېسىل نەرسىلىرىمىز بىلەن تولدۇردى. ئاندىن ئۇ بىزنى تۈكۈرۈپ چىقاردى.
ماڭا تېزدىن جاۋابىڭنى بەرگىنە پەرۋەردىگار، بولمىسا ئۈمىدلىرىم بەربات بولۇپ ھالىم كېتەر، ئۆتۈنەي، دىدارىڭنى يوشۇرمىغىن مەندىن زىنھار. بولمىسا تېنىم مېنىڭ گۆردە بولار.
ئۇ ئەرشتىن ئەۋەتەر نىجاتلىقىنى، شەرمەندە قىلار مېنى خارلىغانلارنى، سېلاھ كۆرسىتەر ماڭا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى.
يول قويمىغىن، «ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى» دېيىشكە ئۇلارنى، يول قويمىغىن، «بىز ئاخىر يۇتۇۋالدۇق ئۇنى» دەپ ماختىنىشقا ئۇلارنى.
سەمىمىيلىك يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدا، رەزىللىك چىرمىۋالغاندۇر دىللىرىنى، ئوچۇق قەبرە كەبىدۇر گاللىرى، خۇشامەتكە تولغاندۇر تىللىرى.
يەر يېرىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كەتكەنىدى. ئەينى چاغدا يەنە 250 كىشى ئوتتا كۆيۈپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولغانىدى.
تارتىپ ئالايلى شۇ چاغ خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنيانى، ئالغان ئولجا بىلەن تولدۇرايلى ئۆيلىرىمىزنى.