Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 1:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى:

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 1:1
14 Referans Kwoze  

سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: دانا ئوغۇل شادلاندۇرار ئاتىسىنى، نادان ئوغۇل قايغۇغا سالار ئانىسىنى.


لېكىن سەن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىسەن. مەن ئۇنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىدىن قوغداپ، تىنچ-ئامان ياشىتىمەن. ئۇنىڭ ئىسمى سۇلايمان [مەنىسى «تىنچلىق»] بولىدۇ. ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، مەن ئىسرائىلىيەگە تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن.


بۇ ھېكمەتلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان يېرۇسالېم پادىشاھىنىڭ، يەنى ھېكمەت ئىگىسىنىڭ دۇردانە سۆزلىرىدۇر.


تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى بولۇپ، بۇلارنى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ توپلىغان.


پەرۋەردىگار ماڭا كۆپ ئوغۇل بەردى ھەمدە ئوغۇللىرىمنىڭ ئارىسىدىن سۇلايماننى ئىسرائىلىيەدە پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.


سۇلايمان ئاتىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى.


ھېكمەت ئىگىسى دانا بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىلىملىرىنى خەلققە ئۆگەتكۈچىدۇر. ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پەند-نەسىھەتلەرنى يېزىپ چىققان.


داۋۇت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى. ئۇ باي-باياشاتلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى.


- سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن بىلدۈردۇم. بىراق، شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتام توغرۇلۇق ئوچۇق ئېيتىمەن.


پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سۇلايمانغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. ھىرام بىلەن سۇلايمان ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈپ، تىنچلىقنى داۋاملاشتۇردى.


شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىدا پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى. سۇلايمان ھەممە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى.


بۇنىڭدىندىكى مەقسەت سەن ھەقىقەتنى بىلىسەن، ئۆزۈڭنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەم ھەقىقىي جاۋاب بېرەلەيسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite