Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ئەي فىلىپىلىكلەر، سىلەرگە مەلۇمكى، مەن سىلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى باشلىغان ۋە ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلغان چاغلىرىمدا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ماڭا ياردەم بەرمىدى.

Gade chapit la Kopi




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:15
12 Referans Kwoze  

چۈنكى، مەن ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىغان بىرىنچى كۈندىن ھازىرغىچە، سىلەر مېنىڭ بۇ خىزمىتىمنى قوللاپ كەلدىڭلار.


زىنداندىن چىققان پاۋلۇس بىلەن سىلاس لىديانىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، شەھەردىن چىقىپ كەتتى.


شۇ ۋاقىتتا خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گېخازى ئىچىدە: «خوجايىنىمنىڭ ئاۋۇ ئارراملىق نائاماننىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلمىغىنىنى قارىمامدىغان! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋالىمەن» دەپ ئويلىدى.


ئېلىشا: _ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھېچقانداق سوۋغات قوبۇل قىلمايمەن، _ دېدى. نائامان ھەرقانچە زورلىسىمۇ، ئېلىشا سوۋغاتنى رەت قىلدى. نائامان:


چۈنكى، ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ياردەم بېرىشنى لايىق تاپتى.


مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار.


قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، بېشىمغا كەلگەن بۇ جاپا-مۇشەققەتلەر خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولدى.


بۇلار مېنىڭ خۇش خەۋەرنى قوغداشقا تەيىنلەنگەنلىكىمنى بىلىپ، مېنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ.


شۇڭلاشقا، ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مەن ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا ھەمىشە سۆزۈمنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، سىلەردىن ئايرىلغان مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ سۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلاڭلار. خۇدادىن قورقۇپ ۋە ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ، خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزغاندا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتنى تۇرمۇشۇڭلارغا تەتبىقلاشقا تىرىشىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite