Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 لېكىن، مەن بۇرۇن قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن مۇھىم بىلگەن بۇ ئىشلارنى ھازىر پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز دەپ قارىدىم.

Gade chapit la Kopi




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:7
20 Referans Kwoze  

شۇنىڭغا ئوخشاش، قايسىڭلار بولسۇن بار-يوقۇڭلاردىن ۋاز كەچمىسەڭلار، مېنىڭ شاگىرتىم بولالمايسىلەر.


بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟!


- ماڭا ئەگەشكەنلەر مېنى ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىسى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرمىسە، مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس.


بايلىق باينىڭ جېنىغا تۆلەم بولار. يوقسۇل تەھدىتتىن خالىي بولار.


ئۇلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى: _ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار، تاغقا قېچىڭلار! بولمىسا، ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.


شەيتان جاۋابەن: _ جېنىغا ئازاب بېرىپ باققىن، نېمە قىلاركىن؟ ئىنسان ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشكە تەيياردۇر.


باي بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ سەمىمىيەتسىز غوجىدارىنىڭ زېرەكلىكىگە قايىل بوپتۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆز كەلگۈسىنى ئويلاپ تەييارلىق قىلغانىكەن. دەرۋەقە، بۇ دۇنيانىڭ ئىمانسىز ئادەملىرى ئۆز مەنپەئىتىگە كەلگەندە، خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا ياشايدىغان ئادەملەردىن زېرەك.


بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى، تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.


شۇ چاغدا لۇتنىڭ ئايالى كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، ئۇ شۇ تۇرقىدا قېتىپ، تاشتۇزغا ئايلىنىپ قالدى.


ھەممەيلەن قورساقنى تويدۇرغاندىن كېيىن، كېمىچىلەر كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.


ئۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئۈچۈن خارلىنىشنى، مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىققا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىكى ئىنئامنى كۈتۈۋاتاتتى.


ئىزدەشنىڭ ۋە ۋاز كېچىشنىڭ ۋاقتى بار، ساقلاشنىڭ ۋە تاشلاشنىڭمۇ ۋاقتى بار.


ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite