Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 چۈنكى، مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنغان ئىسرائىل ئەۋلادىمەن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان قېنى ساپ يەھۇدىيمەن. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆلچەم قىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، مەن قىل سىغمايدىغان پەرىسىي ئېقىمىدىنمەن.

Gade chapit la Kopi




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:5
16 Referans Kwoze  

ئۇلار سېپى ئۆزىدىن ئىبرانىيمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ ئىسرائىل. ئۇلار ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىنمۇ؟ مەنمۇ ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن.


ئۇنداقتا، شۇنى سورىماقچىمەن: خۇدا ئۆز خەلقى ئىسرائىللاردىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ!


پاۋلۇس بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر، يەنە بەزىلىرى پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى تالاش-تارتىشقا سېلىش ئۈچۈن، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: - قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە بىر پەرىسىينىڭ ئوغلىمەن. مەن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا بۈگۈن بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! - دەپ ۋارقىرىدى.


- مەنمۇ بىر يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم، لېكىن يېرۇسالېمدا چوڭ بولدۇم. داڭلىق تەۋرات ئۇستازى غامالىيىلدىن تەلىم ئېلىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا يولىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىزغىن ئىشلىگەنىدىم.


بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلار كېلىپ، بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى.


شۇ كۈنلەردە، ئېتىقادچىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بارماقتا ئىدى. بىراق، گرېكچە سۆزلەيدىغان بەزى يەھۇدىيلار يەرلىك يەھۇدىيلاردىن رەنجىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، كۈندىلىك تاماقنى تەقسىم قىلىشتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇل ئاياللارغا بېرىلگەن تاماق باشقىلارنىڭكىدىن ئاز ئىكەن.


بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، ئۇنىڭ خەتنىسى قىلىندى ۋە ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. بۇ، پەرىشتە ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولمىغان ۋاقىتتىلا قويغان ئىسىم ئىدى.


يۇنۇس ئۇلارغا: _ مەن ئىبرانىيمەن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى ياراتقان ئەرشتىكى پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


فىلىستىيەلىكلەر بۇ كۈچلۈك چۇقاننى ئاڭلاپ: _ ئىبرانىيلارنىڭ بارگاھىدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك كۈچلۈك چۇقان كۆتۈرۈلۈپ كەتتى؟ _ دەپ ھەيران قېلىشتى. كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بارگاھقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلىپ،


مەن ئەسلىدە ئىبرانىيمەن، يۇرتۇمدىن ناھەق تۇتۇپ كېلىنگەنمەن. مىسىردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىرەر يامان ئىش قىلغىنىم يوق.


لېكىن قۇتۇلۇپ قالغان بىر كىشى بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي ئىبرامغا مەلۇم قىلدى. ئۇ چاغدا ئىبرام ئامور قەبىلىسىدىن بولغان مامرە ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ دۇپ دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە ۋە ئىككى ئىنىسى، يەنى ئەشكول ۋە ئانېر ئىبرام بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ھەمكارلاشقۇچىلار ئىدى.


ئۇ چاغدا بىر ئىبرانىي ياش بىز بىلەن بىر زىنداندا ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ياساۋۇل بېگىنىڭ خىزمەتكارى ئىكەن. ئىككىمىز چۈشىمىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرسەك، ئۇ چۈشىمىزگە تەبىر بەرگەنىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite