Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز خۇدا بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

Gade chapit la Kopi




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:16
14 Referans Kwoze  

سىلەر ئەيسا مەسىھنى رەببىمىز، دەپ قوبۇل قىلغانىكەنسىلەر، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشاڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىغان ۋە قوبۇل قىلغان تەلىملەرنى ئېسىڭدە تۇت. ئۇلارغا ئەمەل قىل، توۋا قىل. ئەگەر ئويغانمىساڭ، مېنىڭ كېلىشىم ساڭا خۇددى ئوغرىنىڭ كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا كەلگىنىدەك تۇيۇقسىز بىلىنىدۇ. مېنىڭ كېلىدىغان ۋاقىت-سائىتىمنى ھەرگىز بىلەلمەيسەن.


مۇنداق كۆزقاراش بىلەن ياشايدىغانلارغا - خۇدانىڭ ھەقىقىي خەلقىگە ئامانلىق ۋە رەھىم-شەپقەت يار بولغاي!


سەۋر-تاقەت ۋە رىغبەت ئاتا قىلىدىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا ئىناق ياشىشىڭلار ئۈچۈن ياردەم قىلغاي.


ئېۋودىيا ۋە سىنتىخە خانىم، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن چىقىشىپ ئۆتۈڭلار.


شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئوخشاش ئوي-پىكىر، ساپ مېھىر-مۇھەببەت ۋە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار. شۇنداق بولغاندا، مېنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىسىلەر.


نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرگە لايىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، مەيلى مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشەي ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولاي، سىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي، بۇ خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىقاد ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلەيمەن.


ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈڭلار، مەغرۇرلانماڭلار. ئەكسىچە، تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ھەرگىز بىلەرمەن بولۇۋالماڭلار.


سىلەر ئېتىقاد يولىدا ئالغا بېسىۋاتقانىدىڭلار، بىراق كىم سىلەرنىڭ ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشىڭلارغا توسالغۇ بولدى؟


دۇئا قىلىشنى توختاتماڭلار. دۇئا قىلغاندا، پۈتۈن دىققىتىڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite